شى جىنپىڭ كانادا زۇڭلىسى، تايلاند زۇڭلىسى، ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

2025-11-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە چىڭجوۋ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۇن خاۋ، چېڭ جىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ چىڭجوۋدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كانادا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىدە ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ كانادا تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىي، ئىجابىي ئۇسۇل ئارقىلىق ياخشىلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىپادىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كانادا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ بالدۇرراق ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان توغرا يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - كانادا ئىككى تەرەپ ئوبيېكتىپ ئاقىلانە تونۇش تۇرغۇزۇپ، بىر - بىرىگە توغرا مۇئامىلىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.

كارنېي مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، كانادا بىلەن جۇڭگو ئۇزاق مەزگىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. كانادا يېڭى ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى قايتا تېپىپ، قولدىن كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى قايتا باشلاپ، ئەمەلىي ۋە ئىجابىي ئۇسۇللار ئارقىلىق كانادا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كانادا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. خەلقئارا ئىشلاردا، كانادا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولسا بولىدۇ.

ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە قايتا باشلاپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان كونكرېت ئىقتىساد - سودا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو - كانادا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە چىڭجوۋ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن لياڭ، ساۋ جيايۆ) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ چىڭجوۋدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، تايلاند زۇڭلىسى ئانۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ پادىشاھ ئانىسى شىلىيجيېنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم پادىشاھ ۋاجىرالۇڭكورندىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تايلاند ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى تۇغقان، ياخشى ھەمراھلار، دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ. 2022 - يىلى 11 - ئايدا مەن تايلاندتا زىيارەتتە بولدۇم، جۇڭگو - تايلاند مۇناسىۋىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەمكارلىق قۇۋۋىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇ يىل جۇڭگو - تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن 50 يىلى». يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو - تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - تايلاند تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. ساياھەت، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىككى دۆلەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئانۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ پادىشاھ ئانىسى شىلىيجيېنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى، بۇ، تايلاند خەلقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، تايلاند تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى ھەم «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى ماقۇللاندى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۇ يىل تايلاند - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە. تايلاند تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تايلاند - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. تايلاند تەرەپ توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايى ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى نامايان قىلدى، تايلاند تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ھەم پائال قوللايدۇ. تايلاند تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە چىڭجوۋ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چياۋ جىخۇڭ، ما جويەن) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ چىڭجوۋدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، تەكلىپ بويىچە ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، بىر - بىرىنى مۇھىم دەپ بىلىدىغان يېقىن قوشنىلار، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن پىرىنسىپ ۋە يۆنىلىش بويىچە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى قوغداپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىجابىي ۋە مۇقىم بولغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتە جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت. ياپونىيە يېڭى ئىچكى كابېنتىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا توغرا تونۇش تۇرغۇزۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد سىياسىيونلىرى ۋە ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقىنى قەدىرلەپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، مۇھىم ئورتاق تونۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. «ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش»، «بىر - بىرىنى ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ بىلىش، بىر - بىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك»، «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» قاتارلىق سىياسىي ئورتاق تونۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە تارىخ، تەيۋەن قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەر توغرىسىدا چىقىرىلغان ئېنىق بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى ئادا قىلىپ، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئاساسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى، تەۋرەنمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «سۈنشەن سۆھبىتى»دە ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىلغان ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن كەچۈرۈم سورالغان، بۇ روھ ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. ئىككىنچى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى پىلانلاندى، جۇڭگو - ياپونىيە ھەمكارلىقى كەڭ بوشلۇققا ئىگە. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، مالىيە - پۇل مۇئامىلە، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى ئورتاق قوغدىسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت، پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ۋە يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، دۆلەت پۇقرالىرى ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى ياخشىلاش كېرەك. تۆتىنچى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش كېرەك. ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ پەرقلەرنى تۈگىتىپ، زىددىيەت، ئىختىلاپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئېنىقلىمىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

گاۋشى زاۋمياۋ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ياپونىيەنىڭ مۇھىم قوشنا دۆلىتى، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىدە زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجابىي، مۇقىم بولغان ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. تەيۋەن مەسىلىسىدە، ياپونىيە 1972 - يىلىدىكى ياپونىيە - جۇڭگو قوشما باياناتىدىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.