شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا لى جياچاۋ، سېن خاۋخۇينىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى

2025-12-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر لى جياچاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى، شياڭگاڭ 8 - نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ سايلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شياڭگاڭ تىنچ بولۇشتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشتە يېڭى قەدەم تاشلىدى. مەركىزىي كومىتېت باش مەمۇر لى جياچاۋ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، مەمۇرىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى گەنجيې، چېن ۋېنچىڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاۋمېننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر سېن خاۋخۇي يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى، ئاۋمېن 8 - نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ سايلىمىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدى، ئاممىۋى مەمۇرىيەت ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەركىزىي كومىتېت باش مەمۇر سېن خاۋخۇي ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، مەمۇرىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى گەنجيې، چېن ۋېنچىڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.