شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى لائوس خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، خەلقئارا ۋە رايون تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. يولداش ھەم قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، لائوس تەرەپ جەزمەن ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىپ، لائوس پارتىيەسى 12 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش باش شۇجى تۇڭلۇن بۇ يىل 9 - ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر لائوسنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى قىلىدۇ، لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كېلەر يىلى جۇڭگو - لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.