شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي گې، جىن بوۋېن) «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەمەلىيەت يولى ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئورتاق ئاتلىنىشىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ۋە جەنۇبىي ئافرىقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم كۈچ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.
جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ 2 - مۇئاۋىن باش شۇجىسى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى پىلانلاش، نازارەت قىلىش ۋە باھالاش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ماروپېنى راموكگوۋپا تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم ئىدىيەسى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەقسىتى يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا «2030 - يىل دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولىدۇ.
جەنۇبىي ئافرىقا خەلق پارلامېنتى لاۋازىمەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى سېدرىك فىرولىك مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى. كىتابتىكى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، يېشىل تەرەققىيات، ئورتاق بېيىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى مۇھىم ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى.
پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلارغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى ھەدىيە قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر زامانىۋى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش، چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمدە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ھەر ساھە زاتلاردىن 200دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.