قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك

2025-12-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك

سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئۇلنى چىڭىتىش، روھنى تاۋلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ياخشى ئەخلاق پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر، كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى توغرا يۆنىلىش، مەسئۇلىيەت - بۇرچ ۋە يول - ئۇسۇلنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىلىمنى ئاشۇرۇپ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەش تەربىيە»نى يۇغۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ياخشى جەمئىيەت، مەدەنىيەت مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، بالىلار ئۈچۈن ياخشى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، ياخشى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تىرىشىپ تورنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پىسخىكا ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنچىللىق قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

لى شۇلېي سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى بويىچە ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.