شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ پەن - تېخنىكا گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى
جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھېكايىسىنى تىرىشىپ ياخشى سۆزلەپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك
تەبرىك خەت
پەن - تېخنىكا گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، گېزىتخانىدىكى بارلىق يولداشلارنى تەبرىكلەيمەن!
40 يىلدىن بۇيان، پەن - تېخنىكا گېزىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، پەن - تېخنىكا سىياسەتلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خەۋەر قىلىش، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاسىتە، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھېكايىسىنى تىرىشىپ ياخشى سۆزلەپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى پەن - تېخنىكا گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، گېزىتخانىدىكى بارلىق يولداشلارنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، پەن - تېخنىكا گېزىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، پەن - تېخنىكا سىياسەتلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خەۋەر قىلىش، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاسىتە، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھېكايىسىنى تىرىشىپ ياخشى سۆزلەپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
پەن - تېخنىكا گېزىتى 1986 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنغان بولۇپ، 40 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق گېزىت، ژۇرنال، تور بېكەت، تېرمىنال قاتارلىق تارقىتىش سۇپىلىرىغا ئىگە ئۇنىۋېرسال تاراتقۇ ئاپپاراتىغا ئايلاندى.