شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ساۋ جيايۆ) 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 18 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.
خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدا، مۇراسىم ئەسكەرلىرى ھەيۋەت بىلەن سەپ تۈزۈپ تۇردى، قارشى ئېلىش بۇرغىسى چېلىندى. ئەلچىلەر ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ، بايراق سېپى ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ئاق مەرمەر پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىقتى.
«تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» ناملىق غايەت زور تام رەسىمى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەلچىلەر تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ سۈرەتكە چۈشتى.
ئۇلار: تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۈنال، ئاۋسترىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خوۋفورد، ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋېي لېي، ئىراقنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېللاۋى، سىپرۇسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سوفىيانو، ماۋرىتىئۇسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاۋ شياۋشەن، سىلوۋاكىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لېزىياك، گانانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بانسۇ، نامىبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەيمۇۋۇلا، كورېيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ زەيشيەن، ئۇرۇگۋاينىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كافۇلار، شىۋېيتسارىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما تىڭ، پەلەستىننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋاد، پېرۇنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى باسېكېس، لىۋاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راد، كونگو (بىراززاۋىل)نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مامىنا، لېسوتونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىن مېي، بىرمىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زو ۋېنمىن.
مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ زالىدا ئەلچىلەرگە سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قارشى ئالدى، ئۇلارغا ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، ئەلچىلەرنىڭ ھەرقايسى جايلارغا كۆپرەك بېرىپ كۆرۈپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا ئۇدا ھالقىش ئىشقا ئاشتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ يارقىن ئاساسىي رەڭگە ئايلاندى، خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزى قەلبلەرنى ئىللىتتى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا دۇنيانى بىر «پۇرسەت تىزىملىكى» بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، دۇنياۋى خىرىس تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. بۆلۈنۈش، قارشىلىشىش، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنىڭ جەزمەن چىقىش يولى يوق، دۇنيانىڭ قايتىدىن ئورمان قائىدىسىگە قايتىشى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشلا بىردىنبىر توغرا تاللاش. مېنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى مەقسەت تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.