شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى پارمېلىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-01-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى پارمېلىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2017 - يىلى مەن شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقاتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان. رەئىس پارمېلىننىڭ تۈرتكىسىدە، كېلىشىمنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈردى، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ ئەركىن سودىنى قوللىدى، بۇ، جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى، شۇنداقلا بۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشتى. 2026 - يىلى جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى كەڭ پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدۇ. مەن جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس پارمېلىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.