​مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2026-01-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى پۈتۈن كۈن يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدۇ، خىزمەت ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكتە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى باشلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى بىر يىلدا مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى مەسئۇلىيەتكە قويۇپ پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتى، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىشى كېرەك.