شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى مىئامى زۇەنشى لىڭخاڭ شۆيۈەنى، فىلورىدا داشۆسى، مىئامى دەيدې شۆيۈەنى تەشكىللىگەن ياش - ئۆسمۈرلەر مائارىپ ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگودا كۆڭۈللۈك ھەم مول ھوسۇللۇق سەپەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، سىلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىڭلار ۋە سەمىمىي ھېسسىياتىڭلارنى ھېس قىلدىم.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، كەلگۈسى ياشلاردا. «بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسى باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈر ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي جۇڭگونى تونۇشىغا كۆزنەك ئېچىپ بېرىلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن كۆۋرۈك بەرپا قىلىندى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى. ئامېرىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇق ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئەلچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر مائارىپ ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، 2025 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان جەريانىنى ئەسلەپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسىنىڭ ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىشىنى قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.