شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2026 - يىللىق «جۇڭگو − ئافرىقا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى باشلىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە «ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» ئۆتكۈزۈش مەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ قەلبلەردىن يەنىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ھەم دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. مىڭ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو − ئافرىقا ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك ئۆزئارا ھۆسن قوشۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ تارىخى ۋە ئىدىيە مەنبەسىگە ئايلاندى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ «ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى، بولۇپمۇ ياشلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو − ئافرىقا خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇش، كۈچىنى ئورتاق مۇجەسسەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو − ئافرىقا يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.