جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-01-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ زۇڭلىلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى ۋە گۈزەل تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى. 2025 - يىلى يەنە جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم تاشلىغان بىر يىل. بىز بېيجىڭ ۋە موسكۋادا ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى، ئېنېرگىيە يولى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە بىر - بىرىنى قوللاپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2026 - يىلى جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. ئىككى دۆلەت 2026 - يىلىدىن2027 - يىلىغىچە «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نى ئۆتكۈزىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.

زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بايرىمىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر يىلدا، رۇسىيە - جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى ھەم مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، گېرمانىيە ناتسىستلىرى ۋە ياپونىيە مىلىتارىزمىغا زەربە بېرىش غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى بىرلىكتە خاتىرىلىدۇق، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت «رۇسىيە - جۇڭگو مائارىپ يىلى»نى بىرلىكتە باشلايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردە داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، پۇختا ئەمەلىيلەشتى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مىشۇستىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى مول ئىستىقبالغا ئىگە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى، يېڭى بىر يىلنىڭ جەزمەن ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.