شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ تۇڭلۇننىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-01-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تۇڭلۇنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: لائوس پارتىيەسى 11 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى لائوس خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. لائوس پارتىيەسى 12 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى لائوس پارتىيەسى ۋە لائوس سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوس پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، لائوس پارتىيەسى 12 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، لائوس سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، 2055 - يىلى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

جۇڭگو بىلەن لائوس تاغلىرى تومۇرداش، سۇلىرى مەنبەداش بولغان سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەتلەر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، بىر قاتار مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەتراپ ئەندىزىسى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - لائوس ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەلىك نىشانغا قاراپ سىجىل ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.