شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇنگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، 2026 - يىلىنى «جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلى» قىلىپ بېكىتىشنى ھەم يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى باشلاشنى ئورتاق جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - لائوس ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ياخشى قوشنىلار، ياخشى دوستلار، مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك، تەقدىرداش بولغان ياخشى يولداشلار، ياخشى ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق خىرىسقا يۈزلىنىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. مەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقتۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىل باشلىنىپ، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى. جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، لائوس تەرەپ بىلەن جۇڭگو - لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلى»نى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
تۇڭلۇن شى جىنپىڭغا ئەۋەتكەن باھار بايرىمىلىق تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكلىشىدە، لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن لائوس تەرەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ لائوس - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «لائوس - جۇڭگو دوستلۇق يىلى» يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى مەزگىلدە يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىمەن.