«مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى» قاراپ چىقىلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ 2025 - يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ 2026 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بەش پارتىيە گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. بەش پارتىيە گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.