شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ فېرناندېزنىڭ كوستارىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-02-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لوۋرا فېرناندېزغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كوستارىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كوستارىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 18 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى كۈچلۈك ئاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - كوستارىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، بۇ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - كوستارىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ فېرناندېز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.