شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئالجىرىيەنىڭ يىراقتىن سېزىش 3 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ جيۇچۈەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالجىرىيەنىڭ يىراقتىن سېزىش 3 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ تۈرى ئالجىرىيەنىڭ 1 - نومۇرلۇق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىدىن كېيىن جۇڭگو - ئالجىرىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىقى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىدە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل مۇستەھكەملەندى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن جۇڭگو - ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ تېببون بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئالجىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
تېببون مۇنداق بىلدۈردى: ئالجىرىيەنىڭ يىراقتىن سېزىش 3 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئالجىرىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر ماھىيەتلىك نەتىجە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يەنە بىر ئابىدە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. ئالجىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.