سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-02-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تىرەك بولدى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى ئوبيېكتىپ شارائىتقا قويۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو ئۇچۇر - ئالاقە تەتقىقات ئاكادېمىيەسىدىكى يولداش يۈ شياۋخۇي بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسى كەسىپلەر ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىلمىي پىلانلاشقا، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ. دىققەتنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكا يولىنى ئىلمىي دەلىللەپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارغا ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى، تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسى، ئامىل تىرىكى شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش دەرىجىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە كەلگۈسى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى، كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى بەلگىلەيدۇ. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «كەسىپلەر سوئال چىقىرىش، پەن - تېخنىكا جاۋاب بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق جايلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپلىگەن كەلگۈسى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كارخانىلارنىڭ قەدەممۇقەدەم بۆسۈش ھاسىل قىلىشى، تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىمىز. كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ئالدىنقى قاتار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ساھەلەرگە قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنىڭ دەۋرىيلىكى ئۇزاق، بازار خەۋپ - خەتىرى چوڭ بولۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ھۆكۈمەت ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. مالىيە - باج قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، جەزمەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىدار خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆلچەمنى ئورتاق بەرپا قىلىش، قائىدىنى ئورتاق كېڭىشىش، كەسىپنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىنى بىلىش، كەسىپنى بىلىش، تەدبىر بەلگىلەشكە ماھىر بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.