□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ لۇ
2026 - يىللىق مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئېلان قىلىندى. بۇ، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى دىققەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن مەركەزنىڭ 14 - قېتىملىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتى، شۇنداقلا «15 - بەش يىل» باشلانغاندىن كېيىنكى مەركەزنىڭ تۇنجى 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتى.
يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئاساسنى پۇختىلاش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم پىروگرامما.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇھىم تۈگۈن نۇقتىلاردا ئاچقۇچلۇق يېتەكچىلىك قىلدى. مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى روھىنىڭ روشەن نامايەندىسى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى.
مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ھەم «ئاساسنى پۇختىلاش»تا جىددىي تولۇقلاش زۆرۈر بولغان كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈر ھەم «ئومۇميۈزلۈك كۈچەش»تە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا.
2025 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە: «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇملۇقى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك»، دەپ كۆرسىتىلدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك»، دەپ تەكىتلەپ، يېڭى مۇساپىدە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
«2026 - يىلى <15 - بەش يىل> باشلىنىدىغان يىل، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.» 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. «تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ كەسىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات، گۈزەل قىلىش كېرەك» دەپ سەمىمىي ئۈمىد قىلدى، بۇلار مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، «چوڭ دۆلەت ئاشلىق ئامبىرى»نى چىڭ ساقلاش −
ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». گەرچە دۆلىتىمىز ئاشلىقتىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج يەنە سىجىل ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى قوشۇلۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىكى جىددىي تەڭپۇڭ ھالەت بارغانسېرى جىددىيلىشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
بۇنىڭغا قارىتا، مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى: تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا چەكلىك تېرىلغۇ يەرگىلا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. تاماق يېيىش پەقەت ئاشلىق ئىستېمال قىلىشلا ئەمەس، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات، بېلىق، زەمبۇرۇغ، موگۇ، بامبۇك نوتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەززىلىك تائام، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ھۆججەتتە كۆپ خىللاشقان يېمەكلىك تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش تەكىتلىنىپ، ئوتلاق چارۋىچىلىقى، كۆكتات، چوڭقۇر دېڭىز باقمىچىلىقى، ئورمان يېمەكلىكلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق دېھقانلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش −
2025 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىنكى بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى، 2026 - يىلى دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇرىدىغان تۇنجى يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.
مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم دائىملاشقان، دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشنى يولغا قويۇشقا قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇش سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، يار - يۆلەك بولۇشنىڭ دەل جايىدا بولۇشنى، ۋاقىتچانلىقىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يار - يۆلەك بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ يار - يۆلەك بولۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ.
ھۆججەتتە يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش، ناھىيە رايونىدا خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم تەدبىرلەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق ۋە گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش −
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدا مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ سىرتىدىن ئىچىگىچە، قىياپىتىدىن ماھىيىتىگىچە بولغان تەڭ ھازىرلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، يېزا - كەنتلەردە ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش بوشلۇقى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش - ئاسراشنى كۈچەيتىش، ناھىيە رايونىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ماددىي تۇرمۇش باياشات بولۇپلا قالماي، مەنىۋى تۇرمۇشمۇ مول بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ھۆججەتتە يېزا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى بېيىتىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، توغرا بولغان مۇھەببەتلىشىش - ئۆيلىنىش قارىشى، تۇغۇت قارىشى، ئائىلە قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش تەكىتلەندى.
يېڭى مۇساپىدە، ئولتۇراقلىشىشقا ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق ۋە گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىلمىي مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا تەكىتلىگەن «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» خىزمەت ئۇسۇلىمۇ مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىگە سىڭدۈرۈلدى.
شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ، تەرتىپلىك، بۆلەك رايون بويىچە ئالغا سىلجىتىش؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزىلارنىڭ تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى تاللاش... بۇلار، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
«15 - بەش يىل» باشلىنىش پەيتىدە، بىپايان يېزا - كەنتلەر ئۈمىدكە تولغان يەنە بىر باھارنى كۈتۈۋالماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغاندا، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك، يېزىلار گۈزەل، دېھقانلار باي - باياشات بولغان يېپيېڭى مەنزىرىنى مۇقەررەر سىزىپ چىقالايدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)