شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ تۇڭلۇننىڭ لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-03-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لى چياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ سۇڭسەينىڭ لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇڭلۇنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - لائوس ئىككى دۆلەت تەقدىرداش بولغان سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىنى نامايان قىلدى. 2026 - يىلى جۇڭگو بىلەن لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلى»، ئىككى تەرەپ يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى ۋە لائوسنىڭ «10 - بەش يىل»ى باشلىنىدىغان يىل، ئىككىلا دۆلەت تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. مەن جۇڭگو بىلەن لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ سۇڭسەينىڭ لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.