شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 10 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت كولومبىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇلتۇر 5 - ئايدا، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، مەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتىم ھەم جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات، مەدەنىيلىك، تىنچلىق، خەلق رايىدىن ئىبارەت بەش چوڭ قۇرۇلۇشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدىم، بۇنىڭغا لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپ ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ زىچ ھەمكارلىشىپ، بەش چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايدۇ.