شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۆرنىكى بەرپا قىلىش كېرەك
لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا ماكانلاشقان ۋە تارقاقلاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىكى مەركەزلىك ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن بولۇشتىن ئىبارەت باش فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئامىل بايلىقىنى مۇۋاپىق توپلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئارقىلىق يېڭى رايوننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۆرنىكى بەرپا قىلىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نى يۆفېڭ، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جېڭپۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قوزغىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يول بويى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ يېڭى رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى كۆرۈپ مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. 2025 - يىلى 10 - ئايدا، خۇانېڭ گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابى ھەم ئالاقىدار بالا شىركەتلىرىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى. شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ تىجارەتنى نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىگە كىرىپ، كارخانىنىڭ كۆچۈپ كىرىش، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، كارخانىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتىكى تىجارەت سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە يىراق مۇساپىلىك كۆرۈنۈشلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، كارخانىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
شىركەتنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا، شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا ماكانلاشقان ۋە تارقاقلاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى رايون قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ يېڭى رايون مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، پائال تۈردە ئەقىل - پاراسەت بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك شيۇڭئەنلىك بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، باشلامچى بولۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، شيۇڭئەننىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.
بېيجىڭ شەھىرى ياردەم بېرىپ قۇرغان بېيجىڭ 4 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونى 2023 - يىلى 8 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر 380دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. ئوقۇتۇش بىناسىدا ئوقۇغۇچىلار دەرس ئاڭلاۋاتاتتى. شى جىنپىڭ تولۇقسىز 1 - يىللىق 2 - سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ بېيجىڭ 4 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاسراپ، بالىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
مەكتەپ ئاشخانىسىدا، شى جىنپىڭ غىزالىنىش مۇھىتى، قورۇمىلارنىڭ تۈرى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇقىغا چوقۇم ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ بالىلارنى بەختنى قەدىرلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پائال يۇقىرى ئۆرلەپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نى يۆفېڭ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گوخۇا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يازما سۆز تاپشۇردى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىرى تامامەن توغرا بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر پۇختا، ئۈنۈملۈك بولدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن يېڭى رايوننىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال، پۇختا، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كەسىپىي ئورۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. تارقاقلاشتۇرۇش تۈرى، خادىملارغا بولغان سىياسەت كاپالىتى ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، تارقاقلاشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ يېڭى رايون ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى، تۈرتكە بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، مەدەت بېرىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇشتا، جەزمەن سىستېمىلىق پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. رىتىم ۋە ۋاقىت تەرتىپىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قوزغىتىش رايونى، باشلىنىش رايونى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ «شيۇڭئەن سۈپىتى»نى يارىتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېڭى رايوننى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئاقىل شەھەر باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شيۇڭئەن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. شيۇڭئەن جۇڭگۇەنسۈن پەن - تېخنىكا باغچىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. دادىل ئىزدىنىپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك. شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى كەڭ كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.
لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان» ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ھەم پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت بىلەن، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە تىرىشىپ يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە قوبۇل قىلىشتىكى تارتىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەرنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىش، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى توپلاپ، ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش تورىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، بېيجىڭ (بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي) خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ توپلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
خې لىفېڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، يىن لى، چېن مىنئېر، ۋۇ جېڭلۇڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.