شى جىنپىڭ ئىراقنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى ئامىدىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-04-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نىزار ئامىدىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىراقنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، ئېنېرگىيە، ئىقتىساد - سودا قاتارلىقلاردىكى ھەمكارلىقتا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن جۇڭگو - ئىراق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئامىدى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.