ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىرىشىپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2026-04-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىرىشىپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

لى چياڭ مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، دىڭ شۆشياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كۆلىمى پۇختا كېڭىيىپ، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئۆسۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولۇش، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىش ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ كېڭىيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «جۇڭگو مۇلازىمىتى» ماركىسىنى تېخىمۇ كۆپ يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مۇھىم پىرىنسىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇلازىمەت كەسپىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تەڭ تۇتۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇشىغا، ھەم ساغلام تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىستېمال قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دىققەتنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، ئۆلچەملىشىش، يۇغۇرۇلۇش، خەلقئارالىشىش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي ئېھتىياج تۈرىدىكى مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چۆرىدەپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۈردىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، خاسلاشقان مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. تەتقىق قىلىپ ئېچىش - لايىھەلەشنى كەسىپلەشتۈرۈش، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى زورايتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بازار قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۈرۈشلەشكەن كەسپىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پىكىر يولى، چارىسى ئارقىلىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، سودا مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ راۋان، جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تۈزۈم تىپىدە ئېچىۋېتىلىشىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، شاڭخەي شەھىرى، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.