شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن جۇڭگو - لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-04-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لى چياڭ لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى سۇڭسەي بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - لائوس ئىككى دۆلەت تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت، غايە - ئېتىقادى تۇتاش، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاش بولۇپ، تەرەققىيات يولى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك دوستلۇق رىشتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ھازىر، ئىككى تەرەپ يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، رايون ۋە دۇنياغا قىممەتلىك مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، لائوسنى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى دەپ قارىدى. مەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

تۇڭلۇن مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك دوستانە مۇناسىۋەت ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى، لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بەرگەن قىممەتلىك مەدىتى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمىز، لائوس تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لائوس - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى سۇڭسەي بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشىنى قوللانما قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرى، ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو - لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

سۇڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: 65 يىلدىن بۇيان، لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لائوس - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «لائوس - جۇڭگو دوستلۇق يىلى»دىكى تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.