شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇ يىل ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈلگىلىك رول ئويناشنى خالايدۇ.
ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونى ۋەزىيىتىگە قارىتا، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ دەرھال، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقنى قوللايدۇ، تالاش - تارتىشنى سىياسىي، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ھورمۇز بوغۇزىدا نورمال قاتناشنى ساقلاش كېرەك، بۇ، رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ رايون دۆلەتلىرىنىڭ قوشنىلار ئىناق ئۆتىدىغان، تەرەققىي قىلغان، بىخەتەر، ھەمكارلىشىدىغان ئورتاق ماكان بەرپا قىلىپ، ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ.
مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيە خاراكتېرىگە ئىگە، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستانى سۆزلىشىش ئارقىلىق زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت، ئادىل مەيداندا ئىزچىل چىڭ تۇرىدۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈشىنى، سۆھبەتلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى قوللايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىنى قوغداپ، ئۇرۇش ئوتى قايتا يېنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھورمۇز بوغۇزىدىكى قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش چارىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ.