شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاۋ يىبو) 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە مەخسۇس زىيارەتكە كەلگەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن زۇڭلى شالۇنسەي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لائوس ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆزئارا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈشى ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلى». يېقىندا، مەن باش شۇجى تۇڭلۇن بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى تۇڭلۇن باشچىلىقىدىكى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوس پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقى چوقۇم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، سوتسىيالىزم يولىدا پۇختا، ياخشى مېڭىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو - لائوس ئىككى تەرەپ «16 خەتلىك» فاڭجېن ۋە «تۆتتە ياخشى» روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەلىك نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شالۇنسەي تۇڭلۇن باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئۆز قولى بىلەن يازغان خەتنى تاپشۇردى، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى 12 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈردى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇزاق مەزگىل بىخەتەر، مۇقىم بولغان ئىچكى سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىتنى ساقلاپ، سىجىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسىنى يارىتىپ، خەلقئارا سەھنىدىكى رولى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. لائوس تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم دۇنياۋى تەشەببۇسنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.