شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ سۇ لىننىڭ ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-04-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لى چياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ لى مىڭشىڭنىڭ ۋيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۇ لىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. مەن جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى سۇلىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزلىرىمىزنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ لى مىڭشىڭنىڭ ۋيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، زۇڭلى لى مىڭشىڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.