شى جىنپىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
جۇڭگونىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم قىممىتى بار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزاھلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.