باش شۇجى پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

2026-05-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى\ۋاڭ زىمىڭ

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بۇ ئىشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىگە قويۇپ سىستېمىلىق پىلانلىدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بۇ ئىقتىسادىي تەلەپلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرمۇ تەبىئىي ھالدا بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

بىر چوڭ دۆلەتتە، ئەگەر مۇستەقىل پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر سىستېمىسى بولمىسا، خۇددى بىر گىگانت ئادەمنىڭ كۈچلۈك مۇسكۇللىرى بولسىمۇ، لېكىن چوڭ مېڭىسى باشقىلارنىڭ ئاساسىي نېرۋىسىغا تۇتىشىپ تۇرغاندەك، ئىدىيە جەھەتتە سوقۇلۇش، قىممەت توقۇنۇشى يۈزبېرىپ قالسا، ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ، ئىنكاسى ئاستىلاپ قالىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، 2016 - يىلىلا پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىشتىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەڭداشسىز مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشتىن، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش - تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارغا قاتنىشىشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

بۇ قېتىم، باش شۇجى مۇھىم يوليورۇقىدا پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات»ىنى يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە قىلدى، بىز بۇنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشنى بارغانسېرى چۈشىنىپ يەتتۇق:

دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ھازىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس كۆپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقى مىسلىسىز بولۇپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەشكە جىددىي توغرا كېلىدۇ؛

خەلقئارا مۇھىتتىن قارىغاندا، غەربنىڭ سۆز زومىگەرلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئىدىيە ئەقىل - پاراسىتى قوشۇشقا چاقىردى؛

ئىلىم تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەردىن تېخنىكىنى ئۆزگەرگۈچى مىقداردىن ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلىم كۆپەيمە مىقدارىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسلار پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ «بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا ئۆزگىرىشىنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق − بۇ دەل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تېمىسىدىكى مۇھىم مەزمۇن.

پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا، «يۇقىرى سۈپەت» قەيەردە گەۋدىلىنىدۇ؟

سىياسىي يۈكسەكلىكتە گەۋدىلىنىدۇ. پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەردە ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلىغىلى بولىدۇ.

ئەسلىي ئىجادىيەت سەۋىيەسىدە گەۋدىلىنىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش «زامانىۋىلاشتۇرۇشغەربلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت قايمۇقۇشنى تۈگەتتى، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر يەنە «غەرب مەركەزچىلىكى»دىن ئىبارەت ئىلىم جەھەتتىكى تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

ئەمەلىي قىممەتتە گەۋدىلىنىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، نېگىزلىك، ئاچقۇچلۇق مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشتا توغرا تونۇش ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

خەلقئارا ئەندىزىدە گەۋدىلىنىدۇ. جۇڭگو ئىلمىنىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلىش، جۇڭگو لايىھەسى قوشۇش كېرەك.

بۇنىڭدىن يەنە باش شۇجى مۇھىم يوليورۇقىدا ئوتتۇرىغا قويغان سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرمىنى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ:

«يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش كېرەك». زامانىمىزدىكى جۇڭگودا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق دەل ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق، بۇ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىلمىي كۆرسەتمە.

«پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك». پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تۈپ كاپالىتى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاش كۈچلۈك، باشقۇرۇش ئىلمىي بولغان، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

«پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك». سىستېمىلاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ كەڭلىكىنى بەلگىلەيدۇ، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى نامايان قىلىدۇ، ئىككىسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ يۈكسەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.

«جۇڭگونىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك». يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىدۇ، مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش دەل پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى مۇھىم ئىجادىيەت. «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، چۈشەندۈرۈش كۈچى، تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچىگە ئىگە جۇڭگو نەزەرىيەسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك ئۇقۇملارنى تاۋلاپ، جۇڭگو يولىدىن جۇڭگو داۋلىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

«جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك». بۇنى كوردىنات قىلىپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى تەلىپىنى نىشانلاپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن سېپىدىكىلەر تىرىشىپ ئىشلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەزەرىيە يارىتىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)