«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى جۇڭگو - ھىندونېزىيە تونۇشتۇرۇش يىغىنى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلدى

2026-04-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جاكارتا، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى سىبو، ساۋ كەي) «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى جۇڭگو - ھىندونېزىيە تونۇشتۇرۇش يىغىنى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ھىندونېزىيە جاكارتادا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونى تونۇشى ۋە چۈشىنىشىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر. ھازىر، جۇڭگو «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، ھىندونېزىيەمۇ «ئالتۇن ھىندونېزىيە 2045» ئارزۇسىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىماقتا، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى زورايتىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەھمەد مۇزانى سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ھىندونېزىيەنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسى، ئىلىم ساھەسىنى ھەم سىياسەت تۈزگۈچىلەرنى قىممەتلىك ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ قېتىمقى يېڭى كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ ھىندونېزىيە ئەمەلدارلىرى، ئالىملار ۋە ياشلار توپىنىڭ بۇ مۇھىم ئەسەرنى ئوقۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان تونۇشىنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ھىندونېزىيە نوپۇس يۆتكىلىش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇھەممەد ئىفتىتاخ سۇلايمان مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، مەن جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق نامراتلىقنى تۈگەتكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم. جۇڭگونىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش - تىزگىنلەش، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، رايون ماس تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىجادىي ئەمەلىيىتى ھىندونېزىيەنىڭ نوپۇسنى يۆتكەش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشى، شەرقىي قىسىم رايونلارنى ئېچىش - قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان سىستېمىلىق لايىھە بىلەن تەمىنلىدى.

ھىندونېزىيە دۇنياۋى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋېرونىكا ساراسۋاتى مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە داۋالغۇش، تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلگىرىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ھىندونېزىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دوستانە ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى دەل دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشتىكى توغرا تاللاش.

پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەلىك ئەزىز مېھمانلارغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىدىكى كىتابنى سوۋغا قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات پۇرسىتى، ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇش، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش تەجرىبىلىرى قاتارلىق قارالمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇردى. ھىندونېزىيە كەنت كادىرلىرىنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا قاتناشقان ۋەكىللىرى جۇڭگودىكى ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ھاسىلاتلىرى ھەم دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئالاقىدار تەجرىبىلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭ كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشىدا قوللىنىش ئەمەلىيەت ئەھۋالىنى ھەمبەھرىلىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، ھىندونېزىيە نوپۇس يۆتكىلىش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. جۇڭگو - ھىندونېزىيە ئىككى دۆلەتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ھەم نەشرىيات، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 200 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.