«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى جۇڭگو - مالايسىيا ئوقۇرمەنلەر يىغىنى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلدى

2026-05-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇئالالۇمپۇر، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارخې گۇاڭخەي، يۈەن رۇي) «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى جۇڭگو - مالايسىيا ئوقۇرمەنلەر يىغىنى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا قاتناشقان زاتلار مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئەسىرىگە شەرقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇلۇغ تەرەققىيات تەجرىبىلىرى ۋە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى مۇجەسسەملەنگەن، بولۇپمۇ ھازىرقى جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئەندىزە مۇرەككەپ بولغان ھەم ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ئەسەرنى تارقىتىش ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مالايسىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى زوخارى سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»دا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ھەم دۇنياۋى ئەندىزىدىكى ئورۇن بېكىتمىسى بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگو سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىدىيە لوگىكىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. مالايسىيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، جۇڭگونى چۈشىنىشتىكى بىر كۆزنەك بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئىككى تەرەپنىڭ ئوقۇرمەنلەر يىغىنى قاتارلىق ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا كۆز قاراشنى ئالماشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى پۇختىلاپ، مالايسىيا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مالايسىيا قاتناش مىنىستىرى لۇ جاۋفۇ مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلار مالايسىيا بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى مۇھىم ئىلھام بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مالايسىيا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، مالايسىيا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، مەن جۇڭگونىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىدارە قىلىش ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

مالايسىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ لىدىرى لياڭ جىخۇا مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»غا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدىكى سىياسىي پەلسەپە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مالايسىيا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە مۇھىم ئاساس سالدى. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مالايسىيا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىستېمىنى ماسلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىنى كۈتۈۋالماقتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق.

پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلارغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىدىكى كىتابنى سوۋغا قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايون ھەمكارلىقى، جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ نەشرىيات، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 200 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.