—— شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەلقئارا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۈنى، بۇ يىلقى باش تېما «ئۆز رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش».
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يەرشارىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەرشارى ماكانىمىزنى قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ %25.09كە يېتىپ، دۇنيا بويىچە يېشىللىق كۆلىمى ئەڭ كۆپ، ئەڭ تېز ئاشقان دۆلەت بولۇپ قالدى؛ بايراقدار جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ ياۋايى تۈر توپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ دۇنيادىكى مانگروۋا ئورمىنىنىڭ كۆلىمى ساپ ئاشقان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؛ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «كۇنمىڭ - مونترېئال دۇنيا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى» ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى...
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقتى.
«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك»
«جۇڭگو تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىدارە قىلىشتىكى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدى، ھەم كەلگۈسى خىزمەتلەر ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا ئۆتكۈزگەن «يېڭى مۇساپىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار» تېمىسىدىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا، شاڭخەي شەھىرى چۇڭمىڭ شەرقىي ساھىل تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى نيۇ دۇڭلياڭ بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسەتتى: ساھىلدا رەڭگارەڭ قۇشلارنىڭ بەزىلىرى لەرزان پەرۋاز قىلىۋاتاتتى، بەزىلىرى بەھۇزۇر مېڭىپ يۈرەتتى. لېكىن بۇ بۆلەك رايوننى ئىلگىرى خۇخۇا مىساۋ قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، قۇش تۈرلىرىنى ئۇچرىتىش تەس ئىدى.
2013 - يىلى، چۇڭمىڭ شەرقىي ساھىل ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى باشلىدى. بۇ جاي بىر قولدا «ئېلىش ئەمىلى»نى قوللىنىپ، 25 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى خۇخۇا مىساۋنى يوقاتتى؛ بىر قولدا «قوشۇش ئەمىلى»نى قوللىنىپ، «ئېكولوگىيەلىك لەيلىمە ئارال» قۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق قۇش تۈرلىرىنى مۇقىم، ئەلا سۈپەتلىك ماكانلىشىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلىرى، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، 36 مىليون 600 مىڭ گېكتار دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، 5 مىليون 400 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاماملىدى.
يېقىندا، مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىنىڭ شۆباۋدىڭ بۆلەك رايونىدا تۇنجى قېتىم ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئارقىلىق ياۋا يىلپىزنىڭ پائالىيىتى سۈرەتلىك خاتىرىلەندى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، ئېكولوگىيەنى قوغداش نەتىجىسىنىڭ سىجىل گەۋدىلەنگەنلىكى، ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەنلىكى، ئېكولوگىيە سىستېمىسى مۇقىملىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.
2021 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جۇڭگو ئۈچ دەريا مەنبەسى، مۈشۈكئېيىق، شەرقىي شىمال يولۋىسى ۋە يىلپىزى، خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى، ۋۇيىشەن تېغى قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىلىرىنى رەسمىي تەسىس قىلدى» دەپ جاكارلىدى.
دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جايلارنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلىتىمىز دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. 1 - تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىلىرى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، بايراقدار تۈرلەرنىڭ ياۋايى تۈر توپىنىڭ سانى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقى مۇقىم ئاشتى.
خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ بىرى بولغان خەينەن ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇنى دۇنيادىكى ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇنلار ئىچىدىكى سىجىل كۆپىيىۋاتقان بىردىنبىر تۈر توپى بولۇپ قالدى؛ ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسىدا يۈشېن مۈڭگۈزلۈك چارپاقىسى قاتارلىق كۆپلىگەن يېڭى تۈرلەر يېڭىدىن بايقالدى؛ ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىدا چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، لەنساڭجياڭ دەرياسى مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قوغدالدى؛ شەرقىي شىمال يولۋىسى ۋە يىلپىزى دۆلەت باغچىسىدا شەرقىي شىمال يولۋىسى، شەرقىي شىمال يىلپىزىنى دائىملىق، پۈتۈن رايون بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى...
جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ مۇقىم ئېشىشى گۇرۇپپا - گۇرۇپپا ئوبيېكتىپ سانلىق مەلۇماتتا ئىپادىلىنىپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتتى.
ۋۇخەندىكى كۆپلىگەن سۇ رايونىدا، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى چاڭجياڭ دېلفىنلىرى توپ - توپ بولۇپ، دائىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. بۇ يىل، بۇ «تەبەسسۇم پەرىشتىسى» رەسمىي تۈردە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ قۇت بۇيۇمىغا ئايلاندى.
چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى چاڭجياڭ دېلفىنى تۈر توپىنىڭ سانىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالدا «تۆۋەنلەش توختاپ قايتا ئۆرلەش» كۆرۈلۈپ، 2025 - يىلى ئەسلىگە كېلىپ 1426گە يەتتى؛ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى يەرلىك بېلىق تۈرى 351 خىلغا كۆپەيدى؛ چاڭجياڭ ئوسېتر بېلىقىنى تەبىئىي كۆپەيتىش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
«بۈركۈت كۆكتە پەرۋاز قىلدى، بېلىقلار سۇدا بەخىرامان ئۈزدى»، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولماقتا.
«تەبىئەتنى قوغداش داۋامىدا تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەش كېرەك»
يېقىندا، 43 - نۆۋەتلىك جۇڭگو لوياڭ مودەنگۈل مەدەنىيەت بايرىمى ئاياغلاشتى، لېكىن خېنەن لوياڭنىڭ «مودەنگۈل ئىقتىسادى» يەنىلا ئەۋجىگە چىقتى.
يېڭى سورت، يېڭى رەڭدىكى مودەنگۈللەر سىجىل «يېڭىلىنىپ»لا قالماي، شۇ جاي يەنە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مودەنگۈل چۈرۈك يېمەكلىكلىرى، مودەنگۈل چېيى قاتارلىق مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى ئېچىپ، مودەنگۈلنى خام ماتېرىيال قىلغان سۇ تولۇقلاش - تېرە يۇمرانلاشتۇرۇش مېيى، جەۋھىرى قاتارلىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، شۇنداقلا مول، رەڭدار مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى... بىر تال مودەنگۈلنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇزارتىلدى.
بۇ، شۇ جاينىڭ مودەنگۈل ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغدىغانلىقى ۋە ئىجادىي پايدىلانغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتە، لوياڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مودەنگۈل (چوغلۇق) ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىدىن 1445نى يىغىپ ساقلاپ، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ، «ئۈچ كەسىپنى يۇغۇرۇش + كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.
«بىز تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش ئارقىلىق بارلىق شەيئىلەرنى بېقىپ، تەبىئەتنى قوغداش داۋامىدا تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھەرقايسى جايلارنى قوغداش بىلەن تەرەققىياتنى ماس ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈردى.
چىڭخەي يۈشۇ ئوبلاستى چۈمالەي ناھىيەسىنىڭ مادو يېزىسى گوياڭ كەنتىدىكى چارۋىچى گېچيۇ ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئېكولوگىيەنى باشقۇرۇش - قوغداش خادىمىغا ئايلىنىپ، مەنبەنى چارلاش - قوغداش، سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئوتلاقنى قوغداش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى نەسىھەت قىلىپ توسۇش ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالدى، كىرىمىمۇ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇقىم بولدى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش دۆلەت باغچىسى شۇ جايدىكى جەمئىي 50 مىڭغا يېقىن ئاھالىنى ئېكولوگىيەنى باشقۇرۇش - قوغداش خادىملىقىغا قوبۇل قىلغان بولۇپ، كىشى بېشىغا ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمگە ئېرىشەلەيدۇ. دۆلەت باغچىسى يەنە ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شۇ جايدىكى مەھەللىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.
ھەرقايسى جايلار قاتتىق قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، ئۇرۇق پىلازمىسىنى يېتىشتۈرۈش، خاس دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق، ئېكولوگىيە مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق كۆپ خىل قىممەتنى چوڭقۇر قېزىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قىممىتىنى مىقدارلاشتۇرغىلى، ئايلاندۇرغىلى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلغىلى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدى.
پوياڭخۇ كۆلى بويىدىكى جياڭشى يۇڭشيۇ ناھىيەسىنىڭ «جۇڭگو پەسىل قۇشلىرى بازىرى» − ۋۇچېڭ بازىرىدا، شۇ جاي بېلىقچىلارنى قوبۇل قىلىپ قۇشلارنى قوغداش كەسپىي قوشۇنى تەشكىللەش، «پەسىل قۇشلىرى ئاشخانىسى» قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، پەسىل قۇشلىرىنى كۆپ تەرەپلىمە ئىستېرېئولۇق قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇش تاماشا قىلىش ساياھەت يېتەكچىسى، يېمەك - ئىچمەك، ئائىلىۋى مېھمانخانا، ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش، دالىدا قونۇش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت مۇلازىمىتى شەكىللەنمەكتە. بۇ يىل باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ۋۇچېڭ پەسىل قۇشلىرى بازىرى مەنزىرە رايونى جەمئىي 239 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
شەندۇڭ دۇڭيىڭدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا بېرىپ «قۇشلار دولقۇنى»نى تاماشا قىلىش ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا چىقىپ ئىزدەيدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى؛ شەنشى ياڭشيەن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئالتۇن رەڭلىك قىچا چېچىكى دېڭىزى بىلەن لەرزان ئۇچۇپ جورا ئىزدەۋاتقان «شەرقتىكى ياقۇت» − قىزىل ئىبىس بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى؛ نەچچە ئونمىڭلىغان يىرتقۇچ قۇشلار ئارقا - ئارقىدىن چۇڭچىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، قۇشلارنى تاماشا قىلىدىغان نۇرغۇن ھەۋەسكار بۇ جايغا كېلىپ داكا قىلدى...
ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ پەسىل قۇشلىرى دۆلىتىمىزدە ماكانلىشىپ كۆپىيىشنى تاللىدى، «قۇشلارنى تاماشا قىلىش ئىقتىسادى» كۆپلىگەن جايدا گۈللەندى. تەدرىجىي زورىيىۋاتقان «قۇشلارنى تاماشا قىلىش» چوڭ قوشۇنىمۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئاڭلىق ھالدا قۇشلارنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇردى.
كىشىلەر تەبىئەتكە يۈز كېلەلىسە، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنى ئۈمىدسىز قويمايدۇ.
شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ قوغداش ئىدىيەسى قۇتقۇزۇش شەكلىدە قوغداش، يىرىك پايدىلىنىشتىن قوغداش بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ماس ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆتۈپ، «قوغداش − پايدىلىنىش − قىممەتنى ئاشۇرۇش − قايتا قوغداش»تىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىش بەرپا قىلىنىپ، «قوغداش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، تەرەققىيات قوغداشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان» جانلىق ئەندىزە شەكىللەندى.
«يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك»
يۈننەن كۇنمىڭنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدىكى يۈەنباۋشەن تېغى چوققىسىدىكى قويۇق ئورمانلىقتا جۇڭگو شىنەن ياۋايى جانلىقلار ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى جايلاشقان. ئۇ ئەنگلىيە مىڭ يىل ئۇرۇق ئامبىرى، نورۋېگىيە سىۋالبارد دۇنيا ئۇرۇق ئامبىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا بويىچە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى باشلامچىغا ئايلاندى.
جۇڭگو شىنەن ياۋايى جانلىقلار ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەي جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ جايدا تۈرلۈك ياۋايى جانلىقلار ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىدىن جەمئىي 27 مىڭ خىل، 346 مىڭ نۇسخا ساقلانغان، بۇ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ياۋايى جانلىقلار ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
ھازىر، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ چېكىنىشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلماقتا.
دۇنياۋى كىرىزىس ۋە خىرىس ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «بىز قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىمىز، يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.»
دۆلىتىمىز باشتىن - ئاخىر قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىستېمىلىق قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادىل ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.
«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى (15 COP)نىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىز «كۇنمىڭ − مونترېئال دۇنيا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى» قاتارلىق بىر قاتار ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولدى.
دۆلىتىمىز «جۇڭگونىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكەت پىلانى (2023 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»نى يېڭىلاپ ئېلان قىلىپ، «كۇنمىڭ − مونترېئال دۇنيا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى» ماقۇللانغاندىن كېيىن ئىستراتېگىيە ۋە ھەرىكەت پىلانىنى يېڭىلاشنى تۇنجى بولۇپ تاماملىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالدى.
يەرشارى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بىردىنبىر ماكانى. پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن دۇنياۋى خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز يېشىل خەلقئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى مۇھىت كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تىرىشىپ يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ يىل 2 - ئايدا، ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولىنىڭ ۋېنگىرىيە بۆلىكىدە يۈك تىرانسپورتى رەسمىي باشلاندى. بۇ تۆمۈريولنى ياساش جەريانىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ قىيا قارلىغاچلىرىنىڭ ماكانىنى قوغداش ھېكايىسى تىللاردا داستان بولدى.
بۇ، نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى تۈرلىرىنىڭ شۇ جايدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا كۈچ قوشقانلىقى، يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى.
ھەربىر ئەمەلىي تەدبىرگە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەندى −
2021 - يىلى، دۆلىتىمىز باشلامچىلىق بىلەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلى چىقىرىپ، كۇنمىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى فوندىنى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللاشقا ۋەدە بەردى. نۆۋەتتە، بۇ فوند «مەبلەغ ۋەدىسى»دىن «تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىردى. تۇنجى تۈركۈمدە قوللاشقا ئېرىشكەن «ئاددىي ھەم گۈزەل» توققۇز تۈرنىڭ ھەممىسى يولغا قويۇلۇشقا باشلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان 15 دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى دۆلەتلەرنىڭ سىرتتىن كىرىدىغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مۇھىم تۈرلەرنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
«خەلقئارا مانگروۋا ئورمىنى مەركىزى»نى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ، مانگروۋا ئورمىنىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا مۇھاكىمە كۇرسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خادىملارنى تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىدى؛ رۇسىيە، موڭغۇلىيە دۆلىتى، لائوس، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، چېگرا ھالقىغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي ۋە ئېكولوگىيە كارىدورى بەرپا قىلدى؛ كېنىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ دۆلەتنىڭ تۇنجى دۆلەت ئۆسۈملۈك تەزكىرىسى «كېنىيە ئۆسۈملۈك تەزكىرىسى»نى تۈزۈپ چىقتى...
بوشاشماي تىرىشقاندىلا، نىشانغا ھامان يەتكىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشساقلا، جەزمەن ئەۋلادلار ئۈچۈن ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق بىللە ياشايدىغان گۈزەل ماكان بەرپا قىلالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)