شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2026-05-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو كۆرگەزمىسى تەرەققىي قىلىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، دىققەت ئىككى تەرەپنىڭ نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كەڭ قارالمىلار چۆرىدىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، ئىشىنىمەنكى، ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئىستىقبالى پىلانلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىلىدۇ.

10 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ئىشەنچ، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش» بولۇپ، سودا مىنىستىرلىقى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رۇسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقى، رۇسىيە سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە باشلاندى.