□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ مىڭيۈ
«سىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەڭ ياشلارنى شەخسىي ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلارغا قويۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»
4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ، ياشلىق باھارىغا ئوقۇلغان مەدھىيە، شۇنداقلا كۈرەش قىلىش چاقىرىقى بولۇپ، كەڭ ياشلارنى يېڭى مۇساپىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ياشلار گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ياشلار باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارت كۈچ، «ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ».
كىشىلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى ئىچىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يۇقىرىغا ئۆرلىگۈچىلەر، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەجىر سىڭدۈرگۈچىلەر، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۆھپە قوشقۇچىلار، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى قوغدىغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى كۆردى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، «مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئۆكۈنمەس ياشلىق باھارىنى پۈتۈپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئىرادىلىك كىشىلەر ئۈچۈن يېتىپ بارالمايدىغان مەنزىل يوق، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېمە؟
باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا خۇلاسىلىدى: «ئىرادە تىكلەش بارلىق باشلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى».
«ياشلار ئۇلۇغۋار غايە تىكلىسە، ئاندىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتالايدۇ» «غايىسى ئۇلۇغۋار، ئېتىقادى مۇستەھكەم نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك»... ئىنچىكە رەتلەپ كۆرسەك شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى قاتارلىق مۇھىم تارىخىي تۈگۈنلەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە ياشلارنى ئۆزىنى ۋەتەن، خەلقتىن ئىبارەت چوڭ ئومۇملۇق ئىچىگە سىڭدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كەڭ ياشلارغا كىشىلىك تۇرمۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.
«15 - بەش يىل» باشلانغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، باش شۇجىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇشى دەل ئۈلگىنىڭ كۈچى ئارقىلىق، كەڭ ياشلارنى شەخسىي ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، دەۋر بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا ياشلىق گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
قەلبتە ئېتىقاد بولسا، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ، ياشلار قانداق قىلغاندا ياراملىق ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ؟
30 چاقىرىم پىيادە مېڭىپ كىتاب ئارىيەت ئېلىشتىن، «ھېچ نەرسىنى بىلمەسلىك نومۇس، بىلىمگە خۇددى سۇغا تەشنا بولغاندەك تەشنا بولۇش» پوزىتسىيەسى بىلەن كىتاب دېڭىزىدا ئۈزۈشكىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى بىلىم ئېلىش كەچۈرمىشى ئارقىلىق ياشلارنى ئۆگىنىشنى «بىر خىل مەسئۇلىيەت، بىر خىل مەنىۋى ئىنتىلىش، بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى» قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ياشلارغا نىسبەتەن، ئۆگىنىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈنكى دەۋردە، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى كۈنسېرى ئىنچىكىلىشىۋاتىدۇ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ»، بۇ، ياشلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.
«كۆڭۈلنى توختىتىپ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى كۆپرەك بىلىش كېرەك» «ئۆگەنگەن بىلىملەرنى قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك» «ھەم كىتابىي بىلىملەرنى كۆپرەك ئۆگىنىش، ھەم ئەمەلىيەت بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىش كېرەك»... بىلىم ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرىكەت ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىگەن پەزىلىتى، شۇنداقلا كەڭ ياشلاردىن ئىزچىل كۈتىدىغان ئۈمىدى.
باھارغا ئوخشاش ھاياتىي كۈچكە تولغان، گۈلدەك ئېچىلغان ياشلىقتا قانداق قىلغاندا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چاچقىلى بولىدۇ؟
«كۈرەش قىلىش ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رېڭى» «خەلق بىلەن بىللە كۈرەش قىلغاندىلا، ياشلىق باھارىنى ئاندىن جۇلالاندۇرغىلى بولىدۇ»... كۈرەش قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باشتىن - ئاخىر ياش بىر ئەۋلادلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى.
ياشلار قانداق كۈرەش قىلىشى كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «كۈرەش قىلىش ياڭراق شوئار بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەربىر كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىش، ھەربىر ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ھەربىر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داۋامىدا روھنى نامايان قىلىشتۇر» دەپ، ياشلارنى ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق ياشلىق باھارىنىڭ ئاساسىي رېڭىنى جۇلالاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.
«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.»
يېڭى مۇساپىدە، كۈرەش داۋاملىشىدۇ.
كەڭ ياشلار پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى، كۈرەش قىلىش جاسارىتى ئارقىلىق ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دەۋر ئېقىنىدا مەزمۇت تۇرسىلا، چوقۇم بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلىرىنى يارىتالايدۇ.
كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)