شى جىنپىڭ خۇنەن چاڭشانىڭ ليۇياڭ شەھىرىدىكى بىر ساليۇت زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 16 دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، خۇنەن چاڭشانىڭ ليۇياڭ شەھىرىدىكى خۇاشېڭ ساليۇت ياساش - ئېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا پارتلاش يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: خۇنەن چاڭشانىڭ ليۇياڭ شەھىرىدىكى بىر ساليۇت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەشنى چىڭ تۇتۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھادىسە سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاشنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئادەم سانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا ئىلمىي تەشكىللەپ، ئىككىلەمچى ئاپەتتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھازىر دەل ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى. خۇنەن ئۆلكىسى كۈچ تەشكىللەپ يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.