لى چياڭ مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولدى، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئۈلگىسى ۋە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، يېڭى دەۋر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يۈزلىنىش نىشانىغا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو - مىسىر ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا دۇنيادىكى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەزاسى، تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش كۈچى، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە تېخىمۇ ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.
سېسى مۇنداق بىلدۈردى: مىسىر - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇردى. 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، مىسىر - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى. مەن مىسىر - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئاپىرىن ئېيتىمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ ئىقتىدارى بار بولغان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلىشى، تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرالىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مادبۇلى مۇنداق بىلدۈردى: 70 يىلدىن بۇيان، مىسىر - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېز تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دوستانە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.