100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش

2026-06-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

—— شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، سۈن شاۋلۇڭ، شيۇڭ فېڭ

«نەزەرىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتا، ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.»

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

105 يىللىق شانلىق مۇساپىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم تېما قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ كەلدى.

ھەرقانداق ھەقىقىي پەلسەپە ئۆز دەۋرىنىڭ مەنىۋى جەۋھىرى. ئىلغار ئىدىيە مىللەتنىڭ تومۇرىغا سىڭىپ كىرگەن ھامان، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان مەنىۋى قۇۋۋەتنى قوزغىتالايدۇ.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە»دىن قەتئىي ئىرادە بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك پارتىيە»گە قەدەم تاشلىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇقەررەر ھالدا بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، قەتئىي ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، كۈچلۈك جەڭگىۋارلىق ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن كۈچ قوشىدۇ.

( 1 )

2026 - يىلى «گەمىدىكى سوئال»غا بېرىلگەن «ئىككىنچى جاۋاب»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى.

«پارتىيەمىزنىڭ تارىخى شۇنچە ئۇزاق، كۆلىمى شۇنچە چوڭ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا شۇنچە ئۇزاق بولدى، قانداق قىلىپ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن بۆسۈپ چىقالىدى؟»

2021 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ <پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ>. 100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز يەنە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، بۇ دەل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش.»

«بىرىنچى جاۋاب»تىن «ئىككىنچى جاۋاب»قىچە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، سۈپىتى ئۆزگەرمەسلىك، خىسلىتى ئۆزگەرمەسلىك، خاراكتېرى ئۆزگەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بارلىق دەۋر بۆلگۈچ نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى دەۋر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مەھسۇلى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دىققەت «قانداق ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم دەۋر تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، قالتىس نەزەرىيەۋى جاسارەت، ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل - پاراسەت، كۈچلۈك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

«پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ مول نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.»

ئومۇمىيەتكە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى ھەم ئىنتايىن زۆرۈر.

بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشىدىكى مۇقەررەر يول −

ۋاقىت بېسىپ كەلگەن يولىمىزغا ئويۇلدى. 1921 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە، 100 يىلدىن ئارتۇق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان چاغدىكى ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسىدىن تەرەققىي قىلىپ 100 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 5 مىليوندىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بار بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلاندى.

پارتىيە «گەۋدىسى»نىڭ بارغانسېرى زورىيىشى بىلەن بىللە، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ۋە ئۆز ئەھۋالىدىمۇ زور ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئۆتكۈر ۋە مۇرەككەپ بولدى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن مەۋقەنى يېڭى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېڭى يولنى كۆزلەپ، يېڭى ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكىر يولىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ ۋە تەتبىقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى؛

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىدىكى «بەش چوڭ قۇرۇلۇشى» تەڭشىلىپ «سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىغا تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ كېڭەيتىلدى؛

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ماس يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كۈچەيتىلدى؛

...

پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتقان ئەمەلىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچەپ پارتىيەنى «باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، دادىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇن سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە» قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

يېڭى مۇساپىگە قەدەم تاشلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىگە نەزەر سالساق، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئامىللار كۆپلەپ مەۋجۇت، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان خەۋپلەر يوشۇرۇن باش كۆتۈرمەكتە، پارتىيە دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاققىچە مەۋجۇت، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئېھتىياجلىق.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قانداق قىلىش كېرەكلىكى، قانداق ئىشلەش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بەردى، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىيلىقىنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش، دەۋر خاراكتېرىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش، قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش، ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى بېيىتىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن - ئاخىر ساقلايدۇ.

بۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى −

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، 16 جەھەتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، 109 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى... پىروگراممىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، كەلگۈسى بەش يىلدىكى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مەنزىرىسى قەغەز يۈزىدە جانلىق نامايان بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانى ئەمەلىي قوللىنىشقا بولىدىغان يول خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇلدى.

«بىز چوڭ پارتىيە، بىر چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتىمىز، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز».

«15 - بەش يىل»غا قەدەم قويۇلدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس كۆپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىگە يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىنىڭ يەككە يۆنىلىشلىك جەريانى ئەمەس، بەلكى سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئوبيېكتىپ تەرەققىيات شارائىتى، تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۆزئارا ئۇيغۇنلاشقان، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان قوش يۆنىلىشلىك جەريان.

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ماركسىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جىنەنجېن، يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى. توغرا نەزەرىيە يېتەكچىلىكىدە، مەسىلىلەرنى ئىدىيە جەھەتتىن ھەل قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى، قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى ۋە كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالغىلى بولىدۇ.

كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىنى تىكلەش ۋە قوغداش، ئىلمىي يېتەكچى ئىدىيەنى يارىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، شۇنداقلا ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشىنىڭ تۈپ تەلىپى.

77 يىللىق يېڭى جۇڭگو تارىخىدا، 105 يىللىق پارتىيە تارىخىدا، شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن تەكرار - تەكرار ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنىڭ ھەممىسى قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسىدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش − سىياسىيدا بىرلىككە كېلىش، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشنىڭ ئاساسى. نەزەرىيە كۈچلۈك بولغاندا، ئاندىن نىشان ئېنىق بولىدۇ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولىدۇ، ئىشەنچ تولۇپ تاشىدۇ.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگو جاۋابى −

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيە رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى.

ئىككى قېتىملىق مۇھىم يىغىندا دىققەت ئوخشاش بىر ئاچقۇچلۇق سۆز − «پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى»گە مەركەزلەشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى تارىخى توغرىسىدىكى سوئالنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگو جاۋابىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، «مەسئۇلىيەت» ئارقىلىق دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى كۈنسېرى دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتلارنى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇردى.

«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نى چۈشىنىشتە، ئالدى بىلەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نى چۈشىنىش شەرت. شانلىق 105 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ئۇزاق مەزگىل مۇقىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۆجىزىسىنى يارىتىشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىگە ئايلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پايدىلىق ئۆرنەك ئېلىپ كەلدى.

غەرب پارتىيەلىرىنىڭ سىياسىيسى تۈرلۈك قىيىن ئەھۋالغا چوڭقۇر پېتىپ قالغاندا، نارودنىكلىق باش كۆتۈردى، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پىكىر ئېقىمى يامرىدى، ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئۆزىنىڭ ئالىيجاناب قىممەت يۈزلىنىشى، ئۆزگىچە ئىدىيەۋى جەلپكارلىقى بىلەن غەرب پارتىيە تۈزۈمىدىكى قايمۇقۇشنى تۈگىتىپ، يەرشارىۋىلىشىش دەۋرىدە دۇنيا سىياسىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتى، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو تەشەببۇسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولغان، ئۆز تەرەققىيات - ئىلگىرىلەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەن پارتىيە جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەققانىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ئاڭلىقلىقنى ھازىرلىغان بولىدۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئارقىغا يانمايدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.

دۇنيا ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزملىق نەزەرىيە جاسارىتى ئارقىلىق، يېڭى نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى يەكۈن چىقىرىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولماقتا.

( 2 )

«چەت جايلارغا ئادەملەرنىڭ كېلىشى تەس بولىدۇ، تاغ كۆپ جايلار ئاسانلا بۇلۇت - تۇمانغا تولىدۇ.» تۇتاش كەتكەن تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شياداڭ يېزىسى ئىلگىرى فۇجيەن شوۋنىڭدىكى چەت، يىراق تاغلىق يېزا ئىدى، يەر ئۈنۈمسىز، خەلق نامرات بولۇپ، نامراتلىق يىلتىزى چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى.

فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ «شوۋنىڭغا توققۇز قېتىم بارسا، ئۈچ قېتىمدا شياداڭغا بېرىپ»، تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

30 نەچچە يىلدىن كېيىن، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» شەرقىي فۇجيەن رايونىدىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى.

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قانداق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا، يولداش شى جىنپىڭ ئىزچىل چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى، سەگەكلىك بىلەن ھۆكۈم قىلدى، قەتئىي ھەرىكەتكە كەلدى.

جېڭدىڭدا، ناھىيە بويىچە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت يۇمشاق ۋەزىپە ئەمەس، بەلكى قاتتىق ۋەزىپە، شەكىلسىز ئەمەس، بەلكى شەكىللىك ۋەزىپە» «پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتمىسا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ» دەپ تەكىتلىدى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «پارتىيەنىڭ خىزمەت مېخانىزمىدا» «ياخشى ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

جېجياڭدا، «جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى» مەخسۇس سەھىپىسىگە يازغان خىزمەت تەسىراتى ئىچىدىكى نەچچە ئون پارچە ماقالىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بايان قىلدى، «نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈچ خىل مەنزىل بولۇش كېرەك»تىن «يامانغا زەربە، ياخشىغا مەدەت بېرىشتە ئادىل بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك»كىچە، يەنە «تۈزۈمنى <قارانچۇق> قىلىپ تىزىپ قويۇشقا بولمايدۇ»غىچە، سۆزلىرى ئۈنچىدەك تىزىلغان، جۈملىلىرى جاراڭلىق بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى «ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش»قا يېتەكلىدى؛

شاڭخەيدە، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە ئۆتكىلى، ھوقۇق ئۆتكىلى، جەمئىيەت ئۆتكىلى، ئۇرۇق - تۇغقان ئۆتكىلى، تۇرمۇش ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتۈپ، «مەنپەئەت ھېساباتى» «قانۇن - ئىنتىزام ھېساباتى» «ۋىجدان ھېساباتى»نى ياخشى قىلىپ، «پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، دۇرۇس بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىدىيەدە قاتتىق بولۇش، نازارەتچىلىكتە قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام ئىجراسىدا قاتتىق بولۇش، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش، ئىستىلدا قاتتىق بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق بولۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان تىزگىنلەنمىگەن بەزى ناتوغرا ئىستىللارنى تىزگىنلىدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈگىتىلمىگەن بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزەتتى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، پارتىيەنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى جانلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشى ئىشقا ئېشىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

جايلاردا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىشتىن جۇڭگوغا يول باشلاشقىچە، يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش ئەمەلىيىتى ۋە قېتىرقىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈشى قەدەممۇقەدەم مۇجەسسەملىنىپ ۋە يۈكسىلىپ پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىغا ئايلىنىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئۈچۈن پۇختا ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

كۆككە تاقاشقان دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ؛ ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ.

ماركس: «ھەربىر قائىدىنىڭ ئۆزى بارلىققا كەلگەن ئەسىرى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيانقى 170 نەچچە يىلدا، ماركس، ئېنگېلسنىڭ پارتىيە قۇرۇش تەلىماتى، لېنىننىڭ پارتىيە قۇرۇش تەلىماتى، ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بارلىققا كېلىپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

تومۇرداش بولۇپ، يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئىجادىي تەتبىقلاپ، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «ئەجدادلار» دەپ باقمىغان يېڭى سۆزلەرنى قىلىپ، ئالدىنقىلار جاۋاب بېرىپ باقمىغان تېمىلارغا جاۋاب بېرىپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا بولغان ماھىيەتلىك مۇئەييەنلىكىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى تۈپ تۈزۈمىدىكى مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى؛

يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئاساسىي يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى؛

پارتىيەنىڭ تۈپ مەيدانىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، خاراكتېرى - مەقسىتى، قىممەت يۈزلىنىشى، كۈچ مەنبەسى، بۇرچى - ۋەزىپىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى؛

پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق رولىنى چوڭقۇر ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئىدىيەۋى ئاڭنى ئۆستۈرۈشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛

ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى چىڭ ساقلاپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، ئۇسۇلى - يولىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر بايان قىلىپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىجادىي تۆھپە قوشتى.

تيەنتەننىڭ چىنيەنديەن سارىيى ھەيۋەتلىك بولۇپ، قاتمۇقات لەمپىلىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن بۇ جايغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

«جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلىرى تيەنتەندە نەزىر مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى، ھەر بىر يىلنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەپ، خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ، دېگەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيەسىنى نامايان قىلغان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمكىنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈن ئۈستىدە توختالدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.»

«ھاكىمىيەتنىڭ گۈللىنىشى خەلق رايىنىڭ مايىللىقىغا باغلىق، ھاكىمىيەتنىڭ خارابلىشىشى خەلق رايىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن بولىدۇ» دېگەن خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىدىن «ئەگەر بىر كۈن يېڭى ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولسا، ئۇنداقتا ھەر كۈننىڭ يېڭى بولۇشىنى ساقلاش، شۇنداقلا يېڭىلاش ئاساسىدا يەنە داۋاملىق يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش كېرەك» دېگەن ئىسلاھات روھىغىچە؛ «خەلق ئارىسىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، قانۇن ۋە ئىنتىزامنى تەرتىپكە سېلىش»تىن ئىبارەت كۆزىتىپ تەكشۈرۈش سېستىمىسىدىن «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەخلاقنى ئاساس قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر دۇرۇس بولۇش»تىن ئىبارەت ئۆزىنى تاۋلاشقىچە...

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىزنى چىڭ ساقلاپ، نەچچە مىڭ يىللىق ئىدىيە تارىخىدىن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مول مەنىۋى ئوزۇقىنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ خەلقنى ئەمىن تاپتۇرۇش يولى، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىدىيەسىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى ۋە ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەتنى نامايان قىلىپ، مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچ ۋە مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى.

«ماركسىزمدىن ئىبارەت پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىمىز، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇش قەدىمىنى توختاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك»، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئاممىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەڭ قوبۇل قىلىدىغان نەزەرىيە ئومۇمىي ئەندىزىسى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئارقىلىق، يېڭى ئىدىيە يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز چىقتى.

قەدىمكىلەرنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكىنى ئىسپاتلىغاندا قايمۇقۇپ قالمايمىز.

105 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق، قاينام - تاشقىنلىق كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئوڭۇشسىز شارائىتتا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، «ئوندا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت 100 يىللىق كۈرەش تارىخىي تەجرىبىسىنى يىغىنچاقلاپ، «بەش مۇقەررەر يول»دىن ئىبارەت قانۇنىيەتلىك تونۇشنى تاۋلاپ چىقىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنى رىغبەتلەندۈردى، مۇكەممەللەشتۈردى ۋە يۈكسەلدۈردى.

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىپ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ئەينەك قىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى «ئىلگىرى بىز نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدۇق» «كەلگۈسىدە بىز قانداق قىلساق داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز» دېگەن سوئاللارغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

ماركسىزم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان ئوچۇق نەزەرىيە، ئۇ ھەقىقەتنى ئاخىرلاشتۇرمىدى، بەلكى ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولنى ئاچتى.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ئۇنىڭغا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى قاتارلىقلار بىلەن بىللە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولدى.

ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن ئىلىم - پەنگە مۇئامىلە قىلدى، ھەقىقەت روھى بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلدى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، نەزەرىيە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت، تونۇش، يەنە ئەمەلىيەت، يەنە تونۇشنىڭ بۇرمىسىمان يۈكسىلىشى داۋامىدا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەنى ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك قۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن غايەت زور كۈچنى ئۇرغۇتتى.

( 3 )

ئەمەلىيەتنىڭ جەۋھىرىنى مۇجەسسەملەپ، نەزەرىيەنىڭ ماياكىغا ئايلاندى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى سىستېمىسى مۇكەممەل، لوگىكىسى پۇختا، ماھىيەتلىك مەزمۇنغا باي، مول ۋە چوڭقۇر بولغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە −

پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش؛ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش؛ يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش.

«14تە چىڭ تۇرۇپ»، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركەزلىك يىغىنچاقلىنىشى بولۇپ، ئۆزگىچە نەزەرىيە پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.

ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئېتىقاد خەلقچىللىق ھېسسىياتتا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى −

2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ مەخسۇس جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى دۇنياغا كەلگەن جايغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ مەنىۋى شىفىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي خاتىرە سارىيىنىڭ 1 - قەۋەت مۇقەددىمە زالىدىكى غايەت زور پارتىيە بايرىقى خۇددى ئىسسىق قان بىلەن بويالغاندەك قىپقىزىل ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىمىي كومىتېتتىكى باشقا يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنىلىك قەسەم بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنىڭ خەت سانى كۆپ ئەمەس، ئۇنى ئەستە ساقلاش قىيىنمۇ ئەمەس، قىيىن بولغىنى ئۇنىڭدا مەڭگۈ چىڭ تۇرۇش. ھەربىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم ئۆزىنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇشى، قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى، ئۆمۈر بويى ئېغىشماسلىقى كېرەك.

«ئېتىقادنىڭ كۈچى چەكسىز. ئېتىقاد پاكلىقى كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ تۈپ پاكلىقى.»

شاڭخەي، جياشىڭدىن جىڭگاڭشەن، زۈنيىغىچە، يەنە يەنئەن، شىبەيپوغىچە... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىزىل تۇپرىقىنى قايتا - قايتا زىيارەت قىلىپ، ئىنقىلابىي غايە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى تەربىيەلەپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاشقا يېتەكلىدى.

سادىق ھەم قەتئىي بولۇش، ئىشەنچلىك ھەم چوڭقۇر بولۇش، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ ئىچكى مۇقەررەرلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەش، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى خەلقتىن كەلگەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان نەزەرىيە، خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈزۈلمەس مەنبەسى.

«بۇ پارتىيە قۇرۇلغاندىن باشلاپلا پۇقرالارنى كۆزلىدى» «خەلق ئاممىسى ئارىسىغا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى مۇجەسسەملەنگەن، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جەزمەن خەلققە تايىنىش كېرەك» «خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشىنىشى ۋە ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك»... شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن بۇ مەنىۋى مەنزىلنىڭ جانلىق نامايەندىسى، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەردە پۈتۈلگەن، پۇقرالارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ئىلمىي نەزەرىيە.

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەش −

ماركس مۇنداق قارايدۇ: دۇنيا تارىخىنىڭ ئۆزىدە، يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق كونا مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا چارە يوق.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدىن پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە، يەنە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر يىلى پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى «سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش، سىياسىي چاڭ - توزانلارنى تازىلاش، ھەرىكەتتىكى ئېغىشنى تۈزىتىش» «ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش»كە تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى پەقەت مەسىلىدىن باشلاش كېرەك» «نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جەريانى مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى تاللاش، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدۇر».

سىياسىي نەتىجە قارىشى ئۆزگىرىپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، پارتىيەلىك كادىرلارنى ھەم كۆرۈنەرلىك تۆھپە يارىتىپ، ھەم كۆرۈنمەس تۆھپە يارىتىپ، «خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى تەرىپلىشىگە، تارىخ جۇغلانمىسىدىن كېيىنكى ھەقىقىي باھاسىغا ئېرىشىشكە ئىنتىلىش»كە تەربىيەلىدى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى؛

بەزى كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان «يۇيىدىغان قاچا قانچە كۆپ بولسا، چېقىلىدىغان قاچا شۇنچە كۆپ بولىدۇ» دېگەن ئەندىشىگە قارىتا، سەۋەنلىكنىڭ خاراكتېرى ۋە تەسىرىنى توغرا ئىگىلەپ، «كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي قوغداش»نى تەلەپ قىلدى؛

«يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە» بولۇشتىن ئىبارەت شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىللىتىگە قارىتا، «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا سەرپ قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش»نى تەكىتلىدى؛

...

«قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، قانچىلىك مەسىلە بولسا شۇنچىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش، مەسىلىنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، شۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى جاراڭلىق ئىدى.

ھەم «دەريادىن ئۆتۈش» ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەم «كۆۋرۈك ياكى كېمە» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكىدە، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇش بىلەن «مۇتلەق كۆپ سانلىق»لارنى باشقۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە، ھوقۇق يۈرگۈزۈش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ بىرلىكىدە، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش...

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇپ ھەمكارلىشىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن، تۈزۈلمە - مېخانىزمنىڭ تاكامۇللىشىشى، مۇكەممەللىشىشى ۋە قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، سىستېمىلىق قاراش، دىيالېكتىك تەپەككۇرنى تەتبىقلاش ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن، مول سىياسىي ئەقىل - پاراسەت ۋە تەدبىر - ئۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ پىلانلاش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت رەھبەرلىك سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى يەردە قويماسلىق −

«تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئادەم بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي پاسسىپ، ئامالسىز ئەمەس.»

دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقنىڭ گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسىتىشى داۋامىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى مەھكەم ئىگىلىدى.

«ۋاقىتلىق تەدبىر، ۋاقىتلىق چارە دېگەن ئىدىيەنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، بوشىشىپ ئارام ئېلىۋېلىش، ھالسىراپ بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىۋېتىش، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋېتىش، ئۆلچەمنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ئىبارەت خاتا ئارزۇ - ئىستەكلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ساغلام تېنىنى چىرىتىدىغان ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، «ئىمتىھان بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى مەڭگۈ ساقلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ قەتئىي ئىرادە ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

سەھەر شامىلى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتتى، شەپەق نۇرى كەڭ يېيىلدى. تيەنئەنمېن راۋىقىدا «ياشىسۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» «ياشىسۇن دۇنيا خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي ھەم كۈچلۈك بولۇپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال باشقىلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا دۇنيادىكى پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت پارتىيە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى، ئېنگېلس ئەنگلىيەدىكى ئىشچىلارغا: «داۋاملىق تۈردە ئىلگىرىكىدەكلا ئالغا ئىلگىرىلەڭلار! يەنە يېڭىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىق بار: قەتئىي بولۇڭلار، دادىل بولۇڭلار، سىلەر مۇقەررەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىلەر، سىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى ھەربىر قەدىمىڭلار بىزنىڭ ئورتاق ئىشلىرىمىزغا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلىرىغا پايدىلىق!» دەپ چاقىرىق قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان سەپەرگە ئاتلانغىنىمىزدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانىلىك بىلەن مۇنداق جاكارلىدى −

«پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىدى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارغا كۈچ چىقاردى، مەسئۇلىيىتى مىسلىسىز ئېغىر، بۇرچى چەكسىز شەرەپلىك.»

بىر تۈمەن يىل بەك ئۇزاقتۇر، بەك ئۇزاق، تۇتقۇلۇق ھەربىر مىنۇتنى چىڭ تۇرۇپ.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مۇقەررەر ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭىتىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىدا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، ئەڭ كەڭ خەلق ئارىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق يېڭى شانلىق تارىخنى پۈتۈپ چىقىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)