شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، ۋاڭ چاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن پىڭراڭ مۇلەن سارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
مۇلەن سارىيىغا بېرىش يولىدا، يول بويى مىللىيچە چىرايلىق كىيىنگەن قىزغىن خەلق ئاممىسى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆتكەندە قىزغىن قارشى ئالدى. مۇلەن سارىيىنىڭ زىياپەت زالىغا پانۇس ۋە رەڭلىك لېنتىلار ئېسىلغانىدى، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، خۇشال ۋە قىزغىن كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.
كەچ سائەت 7لەردە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن مۇلەن سارىيىغا يېتىپ كەلدى، جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى سەمىمىي كەيپىياتتا سۈرەتكە چۈشتى. چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى رەتكە تىزىلىپ قارشى ئېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن جىن جېڭئېن ۋە لى شۆجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا زىياپەت زالىغا كىردى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالدى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە جىن جېڭئېن ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولدى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىناقلىرىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قەتئىي تەۋرەنمىدى. بۇ يىل «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتتە باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، چاۋشيەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى. ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ باش شۇجى جىن جېڭئېن باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقىنىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 9 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.
جىن جېڭئېن چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئەڭ سەمىمىي قارشى ئالدى. جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى پىڭراڭنىڭ ھەممە يېرىدە دوستلۇق مېھرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئەڭ ئەزىز مېھمىنىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا چاۋشيەنگە كەلدى، بۇ ئۇنىڭ چاۋشيەن - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا ئەڭ قىممەتلىك مەدەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.
جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: مەن يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ئىگە چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا كەڭ پىكىر ئالماشتۇردۇق، بۇ جەزمەن چوڭقۇر تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ تېز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. چاۋشيەن خەلقى قېرىنداش جۇڭگو خەلقى قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چىن كۆڭلىدىن خۇشال، ئىشىنىمىزكى، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى جەزمەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتناشتى.