شى جىنپىڭ سۇرىنام زۇڭتۇڭى سىمونس بىلەن جۇڭگو - سۇرىنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-05-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۇرىنام زۇڭتۇڭى سىمونس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - سۇرىنام دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو - سۇرىنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سىمونس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - سۇرىنام ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمەن.

سىمونس مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، سۇرىنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى مۇستەھكەم ۋە چوڭقۇر بولدى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، كېيىنكى 50 يىلغا نەزەر سالغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.