
شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، پىڭراڭ تەنتەربىيە سارىيىدا چاۋشيەندىكى ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، جۇ جىچەي) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، پىڭراڭ تەنتەربىيە سارىيىدا چاۋشيەندىكى ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى.
سائەت 21 لەردە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى، جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى بىرلىكتە تەنتەربىيە سارىيىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقتى. پۈتۈن مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر ۋە ئارتىس، خىزمەتچى خادىملار قىزغىن ئالقىش ساداسى ۋە تەنتەنە ساداسى بىلەن قارشى ئالدى ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى.
ئويۇن قايناق ھېسسىياتقا تولغان، كەيپىيات داغدۇغىلىق بولۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مېھرى ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئارتىسلار ناخشا، ئۇسسۇل، سېرك قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ چاۋشيەندە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» «يەسىمەنگۈلى» «قىزىل بايراق جەۋلان قىلماقتا» قاتارلىق ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ناخشىلار پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ئورتاق ساداسىنى قوزغاپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. شى جىنپىڭ ۋە جىن جېڭئېن ئارتىسلارنىڭ قالتىس نومۇرلىرىغا كەينى - كەينىدىن چاۋاك چېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
ئويۇن «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ» دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى نامىدا ئارتىسلار ۋە خىزمەتچى خادىملارغا سوۋغا قىلىنغان گۈل سېۋىتىنى يەتكۈزۈپ، ئويۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.