شى جىنپىڭ پىڭراڭغا يېتىپ باردى

2026-06-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلدى

شى جىنپىڭ پىڭراڭغا يېتىپ باردى

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پىڭراڭغا يېتىپ بېرىپ، چاۋشيەندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ئايروپورتقا چىقىپ شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بى شياۋياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىجۈن، ۋاڭ تيەنلياۋ) 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پىڭراڭغا يېتىپ بېرىپ، چاۋشيەندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئايروپورتقا يېتىپ كەلدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ئايروپورتقا كېلىپ كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقىپ، ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشتى. جىن جېڭئېن شى جىنپىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. چاۋشيەنلىك ئۆسمۈر - بالىلار شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ياجۈنمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ تەكلىپى بىلەن، چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلدى.

ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.