شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «كۆپكۆك دېڭىزغا بىرلىكتە يۈرۈش قىلىش: جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ دوستلۇق سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىككى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ دوستلۇقى» ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ، ئۇنتۇلغۇسىز دوستلۇق سەپىرىنى بىرلىكتە باشتىن كەچۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇق ھېكايىسىنى خەلق يازغان، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى ياشلار يارىتىدۇ. 2023 - يىلى 11 - ئايدا مەن «بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈر جۇڭگوغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، كۆزلىمە نىشان مۇددەتتىن ئىككى يېرىم يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرى قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىپ، ئۆزئارا ئەھۋال ئىگىلەش ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياش - ئۆسمۈرلەر ئەڭ جۇشقۇن، ئارزۇغا ئەڭ باي بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو - ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان «دوستلۇق ئەلچىسى» بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، «كۆپكۆك دېڭىزغا بىرلىكتە يۈرۈش قىلىش: جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ دوستلۇق سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتناشقان جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، «بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسىنىڭ ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشىنى قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.