—— شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش - ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شۈ جۇاڭ، جوۋ ۋېي
گۈزەل تاغ - دەريالار ئارىسىدا، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار يۇلتۇزدەك چاقنىدى، مەدەنىيلىك ئېقىنى ئۆركەشلەپ ئېقىپ داۋاملاشتى.
مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاپ قېلىش، مىللەت روھىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مىراسلار ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەبىئەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.»
6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 2026 - يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى. گوۋۇيۈەن 2006 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - شەنبىسىنى «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن، 2017 - يىلىدىن باشلاپ يەنىمۇ تەڭشەپ «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» قىلىپ تەسىس قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 20 يىل بولدى.
يىللارنىڭ توختىماي ئۆتۈشى بىلەن، پارلاق نۇر چېچىپ كۈنسېرى يېڭى تۈسكە كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكلىشى، غەمخورلۇقىدا، بىز تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك ياخشى قوغداپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى قوغدىغاندەك قوغداپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت گۆھىرىنى جۇلالاندۇردۇق، تەبىئەت گۆھىرىنى قوغدىدۇق. مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، يېڭى نۇر چاچتى.
قوغداش: مىراسلارنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش
شىخۇ كۆلىدە سۇ جىمىرلاپ تۇراتتى، بۈيۈك قانالنىڭ زۇمرەتتەك دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى باغچىسىدا بۇغىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى − ياز كۈنلىرىدىكى جېجياڭ خاڭجوۋدا، ئۈچ چوڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
20 يىل ئىلگىرىكى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى»دە، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ خاڭجوۋدا بىر مەيدان سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى، باش تېمىسى دەل «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش» ئىدى.
شۇ كۈنى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خاڭجوۋدىكى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرى يۈجيې خارابىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇزېي، خاڭجوۋدىكى ۋېنلەن راۋىقىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەم ھۈنەر - سەنئەت ئۇستازلىرى ۋە خەلق ئىچىدە ساقلانغان قىممەتلىك بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ئىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك، پەقەت بىز ھەربىرەيلەن ئالدىنقىلار بىزگە قالدۇرغان بۇ بايلىقلارغا كۆڭۈل بۆلسەك ۋە ئۇنى قەدىرلىسەك، ئاندىن مىللىتىمىزنىڭ روھى ۋە ئۆزگىچە ئېستېتىك قىزىقىشى، ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى خىسلىتىگە ۋارىسلىق قىلالايمىز.»
چوڭقۇر ھېسسىيات ئىزچىل داۋاملاشتى، ئىدىيە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش - ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى −
فۇجيەندىكى ۋۇيىشەن تېغىغا كەلگەندە مۇنداق سەمىمىي ئاگاھلاندۇردى: «ۋۇيىشەن تېغى تەڭداشسىز ئېكولوگىيە، ئادىمىيەت بايلىقىغا ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پەخرى، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۇنى ياخشى قوغداش كېرەك.»
چېڭدېدىكى يازلىق ئارامگاھنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس چوڭ دۆلىتى. چېڭدېدىكى يازلىق ئارامگاھنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى، دىننى جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ۋە دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە.»
خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىغا كىرگەندە سەمىمىي سۆز قىلدى: «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەقدىرى ئىنسانلار بىلەن زىچ باغلانغان. بىز تارىخ ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىۋاتىمىز. خەينەندىن چىقىپ بۇ خىزمەتنى كۆرۈشىمىز كېرەك.»
مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش - ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنىڭ بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق قوغدىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىراسلارنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك.»
...
ئادىمىيەتتىن ئېكولوگىيەگىچە، مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىزنىڭ ئەجدادلارنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ماكانىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
تۈزۈمنى كۈچەيتىش − يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى يولغا قويۇلدى؛ «ئالدى بىلەن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، ئاندىن ئۆتۈنۈپ بېرىش» تۈزۈمى 30 ئۆلكىدە ئەمەلىيلەشتى؛ دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئالغا سىلجىتىلدى. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) يەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى چىقاردى؛ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەمئىيىتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپ كۈچلىرى پائال قاتنىشىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئورتاق تۈرتكە بولدى. دۆلەت باغچىسى قانۇنى ئېلان قىلىندى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون نىزامى، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
ئاساسنى ئايدىڭلاشتۇرۇش − 4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى؛ مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى؛ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بۆلەك رايونىدىن 37سى مەركەزلىك تۇتاشتۇرۇلۇپ قوغدالدى. دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى 1557گە يەتتى؛ دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونىدىن 290ى كەڭ تارقالغان بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئۇ تايىنىدىغان ئادىمىيەت ۋە تەبىئىي مۇھىت ئومۇميۈزلۈك قوغدالدى. دۆلىتىمىزدە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 2600دىن كۆپرەكى قۇرۇلۇپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېڭىچە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى تۈرىنىڭ %90ى ۋە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تۈر توپىنىڭ %74ى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.
ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش − ئالاقىدار تارماقلار «مەملىكەت بويىچە ئارخېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈش پىلانى»نى قوزغىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چوڭ ھۈنەرۋەنلىرى»نى تەشۋىق قىلدى، تاللاپ ئۈلگە تىكلىدى. پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، تاش غار ئىبادەتخانىسى، توپا قۇرۇلمىلىق خارابىلەر، تام رەسىملىرى، مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ئاجىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۈرلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى 3994كە يەتتى، 200دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش پىلانىغا پائال قاتناشتى.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» «تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئاسارئەتىقە، قەدىمىي ئىمارەت، داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، تارىخىي كوچا رايونى، ئەنئەنىۋى كەنت، مەدەنىيەت مەنزىرىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خەلق ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالغا سىلجىتىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ھېس قىلىش ئەسلىھەلىرى سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم ئېكولوگىيە كارىدورىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى...
تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھىرى جەزمەن مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، كېيىنكىلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ.
ئوزۇقلاندۇرۇش: خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش
خۇبېي ئۆلكىسى يۈنمېڭ ناھىيەلىك مۇزېي «ئاددىي ھەم گۈزەل» ناھىيە دەرىجىلىك مۇزېي بولۇپ، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان چىن سۇلالىسى پۈتۈكلىرى − شۈيخۇدى چىن سۇلالىسى پۈتۈكلىرى ساقلانغاچقا، كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 2025 - يىلى، بۇ مۇزېيغا كەلگەن ساياھەتچى 1 مىليون 54 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %140تىن ئارتۇق ئاشقان.
2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ قېزىۋېلىنغان چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تارىشا پۈتۈكلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئارخېئولوگىيە خىزمىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گۆھىرىنى نامايان قىلىدىغان ۋە بەرپا قىلىدىغان مۇھىم خىزمەت.
ھازىر، دۆلىتىمىز «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش»تىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەر، شيا، شاڭ مەدەنىيلىكى تەتقىقات قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ 6 - قارارلىق ۋاقىت - بوشلۇق تەتقىقات دائىرىسىنى كېڭەيتتى. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە ئىلمى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىغا ياردەم بەردى.
«مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلدى: مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نۇر چاچقۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.
بېيجىڭ ۋەنپىڭ شەھىرىدە، توپ - توپ ياش - ئۆسمۈر ئېكسكۇرسىيەچى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ «مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە، بۇ كۆرگەزمىدە كۈتۈۋېلىنغان ئېكسكۇرسىيەچى جەمئىي 2 مىليون 280 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.
بۇلتۇر، ھەرقايسى جايلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن 100گە يېقىن كۆرگەزمە ئېكسكۇرسىيەچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئەنگە ئېلىنغان مۇزېي 7188گە يېتىپ، ھەقسىز ئېچىۋېتىش نىسبىتى %91تىن ئاشتى، پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى 1 مىليارد 560 مىليون ئادەم قېتىم بولدى. كىشىلەر مەدەنىيەت مىراسلىرىغا يېقىنلىشىش قەدىمى ئارقىلىق نېمىنىڭ ئىشەنچ ئاساسى، نېمىنىڭ كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار بارغانسېرى ھېس قىلغىلى بولىدىغان يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلاپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۈنسېرى سىڭىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يەنىمۇ كۈچ قوشماقتا.
بېيجىڭدىكى لۇڭفۇسى، سۇجوۋدىكى پىڭجياڭ يولى، جىڭدېجېندىكى تاۋياڭلى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىدا كىشىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى، خەنفۇ كىيىپ ياساندى، جۇڭخۇا داڭلىق يېمەكلىكلىرىنى تېتىدى، قەدىمكى بىلەن ھازىرقى يۇغۇرۇلغان دۆلەت ئۇسلۇبى ئەڭ مودا گۈزەللىككە ئايلاندى.
يەنئەن، جىڭگاڭشەن، شىبەيپو قاتارلىق ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلاردا، قىزىل ئويۇن قويۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، قىزىل ساياھەت كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەر يىلى 600 مىليون ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيەچى ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورنى ۋە خاتىرە مەيدان - سارايلارغا بېرىپ، روھىي جەھەتتە تاۋلىنىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.
مەنزىرە رايونى، كوچا رايونى، مەھەللىلەردىكى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + ساياھەت» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + مودا» كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يوشۇرۇن كۈچى قوزغىتىلىپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مال سېتىۋېلىش بايرىمى» «تۆت پەسىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مال سېتىۋېلىش ئېيى» كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، دۆلىتىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىدىن 14 مىڭ 900نى قۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەر بويىچە 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
جيۇجەيگوۋ، ۋۇلىڭيۈەن، جەنۇبتىكى كارست گۇيلىن بۆلەك رايونى قاتارلىق دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى ئورۇنلىرىدا، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمىنىڭ شۇ جاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئېشىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. 2024 - يىلى، مەملىكەت بويىچە مىراس جايلار كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئومۇمىي مىقدارى 180 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تەخمىنەن 184 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى، ساياھەتچىلىك شۇ جايلارنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى.
«مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان تۇپراققا تارقالغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مىراسلىرى ياخشى قوغدىلىپلا قالماي، بەلكى ياخشى ۋارىسلىق قىلىندى، ياخشى پايدىلىنىلدى، ياخشى تارقىتىلدى.
جۇلالىنىش: دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىغا يارقىن تۈس قوشۇش
2025 - يىلى 10 - ئايدا، گۇگۇڭ مۇزېيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يۈز يىللىق قوغداش − زىجىنچېڭدىن گۇگۇڭ مۇزېيىغىچە» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
«گۇگۇڭ مۇزېيىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گېنى مۇجەسسەملەنگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى» «گۇگۇڭنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مۇھىم بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، دۇنيا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى چۈشىنىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنى چۈشىنىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلدى.
ئەجدادلار ۋە تەبىئەت قالدۇرغان مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھەر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسى، شۇنداقلا مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۆۋرۈكى.
«بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى − جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپىنىڭ نادىر ئەسىرى» «بادەنجىلىن قۇملۇقى − قۇمتاغ، كۆللەر توپى» «جۇڭگو خۇاڭخەي (بوخەي) پەسىل قۇشلىرى ماكانى (2 - قارار)» «غەربىي شيا قەبرىستانلىقى» قاتارلىقلار «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا مىراسلىرى ئومۇمىي سانى 60قا يەتتى؛ «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاي ياساش ھۈنەر - سەنئىتى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆرپ - ئادەتلەر» «باھار بايرىمى» قاتارلىقلارنى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلىرى 45كە يەتتى... دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە يارقىن جۇڭگو تۈسى قوشۇلدى.
دۆلىتىمىز رايون ھالقىپ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنى ھەمكارلىشىپ قوغدايدىغان ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتىنىڭ پائال ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشكىچە؛ جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان تۇنجى رايون خاراكتېرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ «ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى» رەسمىي قۇرۇلۇشقىچە؛ يەنە خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تېخنىكا كومىتېتىنى باشلامچى بولۇپ قۇرۇشقىچە، دۆلىتىمىز دۇنيا مىراسلىرى خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو كۈچىنى پائال قوشتى.
مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
يېقىندا، ئانگېلو كاسترو ئارخېئولوگىيە تۈرى گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا رەسمىي باشلاندى. بۇ جۇڭگو كىلاسسىك مەدەنىيلىكى تەتقىقات ئورنى 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئافىنادا قۇرۇلغاندىن كېيىن، گىرېتسىيە تەرەپ بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلاشقان ئارخېئولوگىيە تۈرى.
مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يېتەكچى قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز تۆت دۆلەتتە ئالتە ئورۇندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇردى، 49 تۈرلۈك جۇڭگو - چەت ئەل بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرى 28 دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدۇ؛ يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىدىكى تاش تۈۋرۈكلەر، چاڭشا زىدەنكۇدىن قېزىۋېلىنغان جەنگو دەۋرىدىكى يىپەك كىتاب «ۋۇشىڭلىڭ» «گۇڭشوۋجەن» قاتارلىق 35 تۈركۈم قېتىمدا ئېلىپ كېتىلگەن 537 دانە - يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقى، سەنئەت بۇيۇمى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى؛ چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن - چىقىرىلغان زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقى نادىر بۇيۇملار كۆرگەزمىسى تاغ - دەريالاردىن ھالقىدى، قەلبلەرنى تۇتاشتۇردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي مىراسلىرىدا تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئالاھىدىلىك ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، دۇنيا مىراسلىرى قىممىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. 15 تۈرلۈك دۇنيا تەبىئىي مىراسىنىڭ ئەسلىدىكى ئاھالىلىرى 30دىن ئارتۇق مىللەتكە چېتىلىدىغان بولۇپ، مول مىللىي مەدەنىيەت، ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادىتى ھەم كۆپ خىل ئەنئەنىۋى كەنت، تېرىقچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق سىستېمىسى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، دۇنيا مىراسلىرىغا قارىتا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش ئەمەلىيەت يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئاكتىپ ئىلھام بېرىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.
دۇنياغا نەزەر سالساق، دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى (IUCN)نىڭ 2014 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئېلان قىلغان تۆت سان «دۇنيا مىراسلىرىغا نەزەر»دە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى، تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت قوش مىراسلىرىنى قوغداش ئەھۋالى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان. جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو چېڭدۇ خەلقئارا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايرىمى قاتارلىقلارنىڭ تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى. «جۇڭگولۇق بولۇش» مەملىكەت سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشتى، بادۇەنجىننى مەشىق قىلىش، مەۋسۇمغا قاراپ كۈتۈنۈشنى ئۆگىنىش قاتارلىق مودىلارنىڭ ئارقىسىدا دەل جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەسىر كۈچى چوڭقۇر، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان تارقىتىش كۈچى، چاقىرىق كۈچى بار.
«جۇڭخۇا زېمىنىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەربىر ئادەم چوقۇم ئۇنىڭ ھەربىر ئېقىنىنى، ھەربىر سۇڭ تۇپرىقىنى، ھەربىر بەت شانلىق تارىخىنى ياخشى كۆرىدۇ.»
كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قوغداش داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىپ، پايدىلىنىش داۋامىدا ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقاندا، جۇڭخۇانىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھىرى جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شەرەپ قوشىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)