□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ خاۋ، شياۋ خەيچۇەن
6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭنىڭ دېجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت» شىيۈجيا كەنتىگە بېرىپ، كەنت پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ۋە خەلققە قولاي مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىدىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «<1 - ئىيۇل> يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، بىز پات ئارىدا پارتىيەنىڭ 105 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىمىز. 105 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. ھازىر، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك.»
ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ «ئاخىرقى نېرۋا ئۇچى»، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بىناسىنىڭ ئۇلى.
ئىنقىلاب مەزگىلىدە «ياچېيكىنى ليەندە قۇرۇپ» ئاساسىي قاتلام قورغىنىنى كۈچلۈك قۇرۇشتىن يېڭى دەۋردە مۇكەممەل تەشكىلىي سىستېمىغا تايىنىپ تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىش، ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى ياخشى قىلىشقىچە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقى ئوڭۇشلۇق، ھەرىكىتى راۋان بولغان ئۆزگىچە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى روشەن نامايان قىلغىلى بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەن: «پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق پارتىيە ئىگە بولالمايدىغان قۇدرەتلىك تەشكىلىي بايلىق. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ياخشى تۇتۇلسا، بىزنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز مۇستەھكەم بولىدۇ، بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىمىز يىمىرىلمەيدۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ.»
يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى. «يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» دەل شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى، مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى.
بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 5 مىليوندىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، زاۋۇت، كان - كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىككى يېڭى تەشكىلات قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرگە تارقالدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ روشەن بولغان - بولمىغانلىقى، مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن - ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكىدە ئاخىردا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن ئىبارەت بۇ «ئاخىرقى نېرۋا ئۇچى»نىڭ راۋان بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
كەنتلەر باشقا كەنتلەرگە سېلىشتۇرىدۇ، ئائىلىلەر ئائىلىلەر بىلەن بەسلىشىدۇ، دېھقانلار ياچېيكىنىڭ قانداق قىلىشىغا قارايدۇ.
بۇ قېتىم شىيۈجيا كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش»ىنى ئۈمىد قىلدى.
يېزا خىزمىتى چىگىش، مۇرەككەپ بولۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئاچقۇچ.
2021 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىسى» شەنشى يۈلىننىڭ سۈيدې ناھىيەسى خاۋجياچياۋ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئۈچ تۈرلۈك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەجرىبىسىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى دەل «پارتىيە ياچېيكىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشلامچىلارنى تاللاپ، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىپ، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تونۇشىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىشلارنى ئورتاق ياخشى ئىشلەش».
كىيىمنى ياقىسىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈش، كالىنى بۇرنىغا چۈلۈك سېلىپ يېتىلەش كېرەك.
2021 - يىلى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە گۇيجوۋنىڭ خۇاۋۇ كەنتىدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇش كېرەك» دەپ تاپىلاشتىن 2025 - يىلى دۇڭجەيدىكى گۇلوۋ راۋىقىدا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرغاندا «پۇقرالارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا» دەپ تەكىتلەشكىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ ئىشلەشتە. جەزمەن سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيەت جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك؛ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئاخىردا يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تايىنىلىدۇ.
دېجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئاخىردا خەلققە بەخت يارىتىشتا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خەلقنىڭ خىزمەتكارى بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.
ئۇلنى كەڭ تۇپراقتا پۇختىلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ھەرىكەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يۈز مىليونلىغان دېھقاننى گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىش، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئورتاق ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)