شى جىنپىڭ جىن جېڭئېن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2026-06-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن پىڭراڭدىكى جىن رىچېڭ مەيدانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جىن جېڭئېننىڭ ھەمراھلىقىدا، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارجۇ جىچەي، خاۋ ۋېيۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن پىڭراڭدىكى جىن رىچېڭ مەيدانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

جىن رىچېڭ مەيدانىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ چوڭ سۈرىتى ئېسىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى ۋە چاۋشيەن تىل - يېزىقىدىكى «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنىسۇن» «مۇستەھكەم چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر خۇشال ھالدا تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىل بىلەن يېتىپ كەلگەندە، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ چەۋەندازلىرى سەپ تۈزۈپ كۈتۈۋالدى، ھەربىي ئوركېستىر قارشى ئېلىش مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى. جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ مەيداندا كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى، جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىرلىكتە پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ جىن جېڭئېننىڭ ھەمراھلىقىدا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى چاۋشيەن تىلىدا «يولداش شى جىنپىڭنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز» دەپ توۋلىدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ جىن جېڭئېن بىلەن بىرلىكتە مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

پىڭراڭدىكى ھەر ساھە ئامما ۋە ئۆسمۈر - بالىلار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، قولىدا بايراق، گۈل ۋە شارلارنى كۆتۈرۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق شوئارلىرىنى توۋلاپ، قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ئارقىلىق زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگولۇق ئەزىز مېھماننى ئەڭ سەمىمىي ھالدا قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ بىلەن جىن جېڭئېن قىزىل پايانداز ئۈستىدە مېڭىپ، قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئامما ۋە ئۆسمۈر - بالىلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندا، مەيداندا جۇڭگو تىل - يېزىقى ۋە چاۋشيەن تىل - يېزىقىدىكى قارشى ئېلىش لوزۇنكىسى ئېسىلغان رەڭگارەڭ شارلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىل بىلەن جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىغا يۈرۈپ كەتتى، جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ئالىي مېھمانسارايغىچە بىللە ئۇزىتىپ باردى.

ئايروپورتتىن جىن رىچېڭ مەيدانىغىچە ۋە جىن رىچېڭ مەيدانىدىن جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىغىچە بولغان يولدا، چاۋشيەن خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.