شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گىرۇزىيە زۇڭتۇڭى كاۋېلاشۋىلى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 34 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 34 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيە ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش - ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2023 - يىلى جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشى تېخىمۇ مول نەتىجىلىك بولدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن زۇڭتۇڭ كاۋېلاشۋىلى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلاشنى خالايمەن. ئىشىنىمەنكى، بۇ، جۇڭگو - گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - گىرۇزىيە خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىدۇ.
كاۋېلاشۋىلى مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 30 نەچچە يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك، گىرۇزىيە بىلەن جۇڭگو ئۇزاق مەزگىللىك دوستلۇق ئورناتتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىجابىي ھەمكارلىشىش ئاساسىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 34 يىل بولغان پەيتتە، بىز گىرۇزىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈشنى بىرلىكتە قارار قىلدۇق. ئىشنىمەنكى، بۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ، ئىككى دۆلەتكە تېخىمۇ زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى يەنىمۇ چىڭىتىدۇ.