شى جىنپىڭ كولومبىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى دېلا ئېسپرىئېللاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-08-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كولومبىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى دېلا ئېسپرىئېللاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كولومبىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئىشىنىمەنكى، زۇڭتۇڭ دېلا ئېسپرىئېللا رەھبەرلىكىدىكى كولومبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كولومبىيە خەلقى چوقۇم بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئاپەت ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.