لى چياڭ نېپال زۇڭلىسى بارېندراغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېپالنىڭ لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نېپال زۇڭتۇڭى پودېلغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا جۇڭگو بىلەن نېپال چېگراسىدىكى جىلۇڭ - رېسوۋا پورتىدا ئېغىر دەرىجىدە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلدى، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى ۋە مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، يارىلانغانلار ۋە ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى خەلق ئاممىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، مۇناسىۋەتلىك ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىۋاتىدۇ ھەم ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدۇ، جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ھەمكارلىشىپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت خەلقى چوقۇم قول تۇتۇشۇپ ئاپەت ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلىپ، ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ نېپال زۇڭلىسى بارېندراغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.