​شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2026-08-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

يىغىن باشلانغاندا، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىق ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن باشلانغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ھەممەيلەننىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىم نېپال تەرەپتە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈزبېرىش سەۋەبىدىن شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسى جىلۇڭ پورتىدا ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلدى، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، نەق مەيداندا خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى، جۇڭگو ئەننېڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كەسپىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى تېز ھەرىكەتكە كەلدى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈردى، خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك باشلاندى ۋە ئالغا سىلجىتىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ئاپەت ئېگىزلىكتىكى ئېگىز ھەم سوغۇق رايوندا يۈزبەردى، جىلغا ۋە قىيالار تىك، ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىشچان، ئەتراپتا يەنىلا نۇرغۇن مۇزلۇق، مۇزلۇق كۆل، گېئوئاپەت يوشۇرۇن خەۋپى بار بولۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىنتايىن زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىر، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى كېرەك. كۆپ تارماقلار بىرلىكتە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، توسۇلما كۆل ۋە ئەتراپتىكى تاغ گەۋدىسىنىڭ مۇقىملىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. نەق مەيداندىكى خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۈتكۈل جەريانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەپىقە بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. نېپالدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى مۇزلۇق، مۇزلۇق كۆل بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەت زەنجىرىدىكى خەۋپ - خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر رايونىدىكى يۆتكەش لىنىيەسى، ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى قاتارلىقلارغا ئائىت خادىملارنى يۆتكەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچلەرنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئاپەت خەۋپ - خەتىرى چوڭ بولغان ئېگىزلىك، تاغلىق رايون، چېگرا قاتارلىق چەت، يىراق رايونلاردا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق كۈچلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يول ئۈزۈلۈپ قالغان، توك ئۈزۈلۈپ قالغان، تور ئۈزۈلۈپ قالغان شارائىتتا جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چېگرادىكى ئاپەتنى باشقۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.